ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۈرەكنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغاندىن كېيىن باشقا ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشى نورمال بولىدۇ، شۇڭا يۈرەكنى ئادەم بەدىنىنىڭ ماتورى دەيمىز. لېكىن يۈرەكتە ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولغاندا، باشقا ئورۇنلاردىكى قان ئايلىنىش نورمال بولالماي، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يۈرەك تۇيۇقسىز سانجىپ ئاغرىيدىغان ئەھۋال نۇرغۇن كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1. يۈرەك كېسەللىك ئۆزگىرىشى
تۇيۇقسىز يۈرەك سانجىپ ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن كۆپ، بەلكىم يۈرەكنىڭ ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئېغىرلاشقانسېرى يۈرەكنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا داۋالىنىپ، يۈرەك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، يۈرەك ئاغرىيدىغان ئالامەتلەر يىنىكلەيدۇ.
2. ناچار تۇرمۇش ئادىتى
يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز سانجىپ ئاغرىشىنى ناچار تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ئۇزاق ۋاقىت بېسىمى ئېغىر بولۇش، تۈنەش، دائىم تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە ياكى بولۇشىغا يەپ-ئىچىش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئاغرىقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ. ناچار ئادەتلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق، يۈرەكنىڭ فۇنكسىيەلىك ئاغرىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
3. قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىسى ئاغرىش
يۈرەك تۇيۇقسىز سانجىپ ئاغرىسا، بەلكىم يۈرەكنىڭ ئاغرىق سىگنالى بولماستىن، بەلكى قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىسى ئاغرىغان بولۇشى مۇمكىن. قوۋۇرغا قىسمىدا نۇرغۇن نېرۋىلار بار بولۇپ، ئەگەر بۇ نېرۋىلاردا ياللۇغ پەيدا بولسا، ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز سانجىپ ئاغرىشىنىڭ سەۋەبى سەۋەبى ئىنتايىن كۆپ، مەيلى قايسى خىل سەۋەب بولسۇن، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشىمىز، كېسەللىك كۆرۈلسە داۋالاشقا ماسلىشىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ئىشلارغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ياخشى كۈتۈشىمىز، سالامەتلىككە زىيانلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17893181.shtml