1- خىل خاتا قاراش: ئىسسىق سۇغا ئۇزۇن چىلىنىپ يۇيۇنۇش.
قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، كۆپچىلىك ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. چىلىنىپ يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قوغداش رولىغا ئىگە ياغ خوراپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە تېرە پۈرلىشىپ، سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى بەدەن مېيى سۈركەپ، تېرىنىڭ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تەكلىپ: ۋاننىدا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 20 مىنۇت يۇيۇنۇش كېرەك.
2- خىل خاتا قاراش: يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى.
سوغۇق ھاۋادا، نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتايىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، تېرىنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ. ئۇ تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ياغنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىنى تېخىمۇ قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ، بولۇپمۇ تېرىسى قۇرغاق، زىيادە سەزگۈر كىشىلەر، يەنە ھۆل تەمرەتكە، تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى سۇدا يۇيۇنۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، چۈنكى پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلار كۆرۈنەرلىك كېڭىيىپ، كۆپ مىقداردىكى قان پۈتۈن بەدەندىكى تېرىگە ئېقىپ كىرىپ، يۈرەككە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەكلىپ: يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا (يەنى 36 سىلتسىيە گرادۇستقا) يېقىن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
3- خىل خاتا قاراش: تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش.
قىش پەسلىدە تېرە ئەسلىدىنلا قۇرغاق ۋە ئاجىز بولىدۇ، ئەگەر تازىلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە، تېرىنىڭ قوغداش قەۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، تېرە مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۈز ۋە قىش پەسلىدە يۇيۇنغاندا، تېرىنى غىدىقلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
تەكلىپ: يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىغا ئىشقارلىق دەرىجىسى تۆۋەن، نېيترال بولغانلىرىنى تاللىغان ياخشى
4- خىل خاتا قاراش: كۆپ يۇيۇنۇش.
نۇرغۇن كىشىلەر قانچە كۆپ يۇيۇنسا، بەدەن شۇنچە پاكىز بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما قىشتا، تېرە بارغانسېرى قۇرغاقلىشىپ ئاجىزلىشىدۇ، ھەتتا قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، يۇيۇنۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئاجرىلىپ چىققان ياغ ۋە تېرە يۈزىدىكى نورمال قوغداش خاراكتېرلىك باكتېرىيە توپىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، ئاسانلا تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېرىنىڭ قارشىلىق كۈچىمۇ ئاجىزلاپ، ئەكسىچە ئاسانلا تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، تېرىنى كۈچەپ ئۇۋۇلىغاندا ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان سىرتقى تېرە زىيانغا ئۇچراپ، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋېلىپ، تېرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەكلىپ: قىش پەسلىدە يۇيۇنۇش قېتىم سانى ھەر ھەپتىدە بىر- ئىككى قېتىم بولسا مۇۋاپىق.