سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ھاۋادا ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ ھەم تېز نەم تارتىپ، ئۇششاق مۈنەكچىگە ئۆزگىرىدۇ ئەگەر بۇ خىل سۈت پاراشوكىنى تەڭشىگەندە ھەر خىل غەيرىي پۇراق، يەنى ھاراق، بېلىق پۇرىقى بار بولسا، بۇ سۈپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى
سۈت پاراشوكى|奶粉|نەي فىن
سۈت پاراشوكىنىڭ نەم تارتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۈت پاراشوكى سېتىۋالغاندا، 200 گراملىقتىن تۆۋەن كىچىك بولاقچىنى سېتىۋېلىپ، ئاغزى ئېچلىغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك.
قۇتىلىق سۈت پاراشوكىنىڭ ئىچىگە بىرنەچچە تال قەنت سېلىپ قويسا بولىدۇ، چۈنكى قەنتنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈش ئۈنۈمى بار. تۆمۈر قۇتىلىقلىرىنىڭ ئاغزىنى ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە ھىم ئېتىپ، قۇتىنى دۈم قىلىپ قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۈت پراشوكىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ.
خالتىلىقلىرىنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا ساقلاش كېرەك ( توڭلاتقۇدا قۇيۇشقا بولمايدۇ ). بىر قىسىم كىشىلەر سۈت پاراشوكىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەينەك قاچىغا تۆكۈپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن.
ئەمىلىيەتتە ئۇنى ئەڭ ياخشىسى، رەڭلىك ئەينەك قاچىلارغا سېلىپ، نۇر ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سۈت پاراشوكىغا نۇر ئۆتسە، سۈت پاراشوكىغا نۇر ئۆتسە، سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى بۇزىدۇ.