خانىم قىزلارگۈزەللىكيۈز تېرىسىنى ئاسراشتا ئىشلىتىدىغان يۈزلۈك ياساشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

يۈز تېرىسىنى ئاسراشتا ئىشلىتىدىغان يۈزلۈك ياساشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كۆپ ساندىكى خانىم- قىزلار كۆپ ھاللاردا بازاردىن يۈزلۈك سېتىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن ئەمەلىيەتتە يۈزلۈكلەرنى ئائىلىدە تەييارلاشمۇ قولايلىق بولۇپ، ئائىلىدە يۈزلۈك تەييارلىغاندا ئەرزان ھەم ئەكس تەسىرى ئازراق بولىدۇ

يۈز تېرىسىنى ئاسراشتا ئىشلىتىدىغان يۈزلۈك ياساشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

كالا سۈتى يۈزلۈكى. بۇنى ياساش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، يېڭى كالا سۈتىگە يۈزلۈك قەغىزىنى تولۇق چېلاپ، يۈزىڭىزگە چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئورگانىك توقۇلمىلارنى قورۇش رولى بار. بۇ يۈزلۈكنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە قورۇق يوقىتىدۇ، تېرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ.

ئالما يۈزلۈكى. ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، ئاقلاپ ئېزىپ ئۇماچتەك قىلىمىز. ئاندىن يۈزگە چاپىمىز. ئەگەر قۇرغاق سەزگۈر تېرە بولسا مۇۋاپىق مىقتاردا كالا سۈتى بىلەن ئۆسۈملۈك مېيى ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ. بۇ يۈزلۈكنى 15 مىنوتتىن 20 مىنوت تۇرغۇزغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.

تەرخەمەك يۈزلۈكى. تەرخەمەكنى ئۇششاق چاناپ سۈيىنى چىقىرىمىز، بۇنىڭغا يېرىم قوشۇق لىمون سۈيى ياكى ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزگە چاپىمىز، بۇ يۈزلۈكنىڭ تېرىنى سىلىقلاش، ئاقارتىش رولى بار.

نەشپۈت يۈزلىكى. نەشپۈتنى ئاقلاپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئېزىمىز، ئاندىن ئازراق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەپ 20 مىنوت تۇرغۇزىمىز، بۇ يۈزلۈكنىڭ تېرىنى نەم قىلىش، سىلىقلاش ھەم تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار.

ئۈزۈم يۈزلۈكى. پاكىز يۇيۇلغان ئۈزۈمنى ئېزىمىز، قولىمىزدا ئاستا- ئاستا بېسىپ، تېرىنىڭ سۈمۈرىشىگە ياردەم بېرىمىز، ئاندىن 20 مىنوتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ، دائىم بۇ خىل يۈزلۈكنى ئىشلەتكەنكە تېرىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

قوغۇن يۈزلۈكى. مۇۋاپىق مىقتاردىكى قوغۇن ئېتىنى ئۇششاق توغراپ سۈت ۋە ئۇنغا ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىمىزگە چاپىمىز، بۇنى 20 مىنوت تۇرغۇزۇپ ئاندىن يۇيۇۋېتىمىز. بۇ يۈزلۈك دانىخورەك ۋە قارا پېگمېنتنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

پەمىدۇر يۈزلۈكى. پەمىدۇرنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىمىز، ئاندىن مۇۋاپىق مىقتاردا ھەسەل ۋە ئازراق ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىمىز. بۇنى يۈزىمىزگە سۈرتۈپ 20 مىنوتتىن 30 مىنوتقىچە تۇرغۇزۇپ ئاندىن ئېلىۋېتىمىز، بۇ يۈزلۈك تېرىنى سىلىقلاش، ئاقارتىش، يۇمشاق قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، دانىخورەك ۋە مايلىق تېرىگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ.

لىمون يۈزلۈكى. قېتىق، ھەسەل، لىموننىڭ ھەر بىرىدىن 100 گىرام تەييارلاپ، بۇنىڭغا بەش تال ۋىتامىن “ئې”نى قوشۇپ يۈزگە چاپىمىز. بۇنى 15 مىنوت تۇرغۇزۇپلا يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. بۇ يۈزلۈك تېرە يۈزىدىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنى چۈشۈرۈپ يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-28

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2020-10-27 / 04:16:17 / PM (+03)

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

يېقىنقى مەزمونلار

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ