ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSزەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىززەھەر چېكىش قايسى خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

زەھەر چېكىش قايسى خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

زەھەر ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەم بەدىنىدە ماسلىشىشچان ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، بۇ دورىنىڭ تەسىرىدىكى يېڭى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، دورا ئىشلىتىش توختىتىلسىلا، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئىنكاس تىببىي ئىلىمدە «زەھەر تاشلاشتىن كۆرۈلگەن تەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ،

بۇ ئادەمنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ. زەھەر چەككۈچىلەر بۇ تەسىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دورا ئىستىمال قىلىشى، شۇنداقلا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى كېرەك، بۇ زەھەر چەككۈچىلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا زەھەردىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

زەھەر ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، زەھەر چەككۈچىنىڭ ئىممۇنىت سىستېمىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر زەھەر چەككۈچىنىڭ بەدىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خىلمۇ-خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، زەھەر چېكىش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، د تىپلىق جىگەر ياللۇغى، جىنسىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى يەنىلا ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىشى.

زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

بىماردا ھەزىم ناچارلىشىش كۆرۈلىدۇ، زەھەر چېكىش يەنە قۇسۇش، ئىشتىھا يوقاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى چەكلەپ، شۇ ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزىرىغانسىرى، زەھەر چەككۈچىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئورۇق بولىدۇ.

زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ نەپەس يولىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەرنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارغا ھەمىشە تالك پاراشوكى، قەھۋە تالقىنى، كراخمال دېگەندەك پاراشوكسىمان ماددىلارنى قوشىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىدە سۈمۈرۈلگەنگەن كېيىن، ئۆپكە دانچە خاراكتېرلىك كېسىلى، ئۆپكە تالالىشىش، ئۆپكە تىقىلمىسى، ئۆپكە ئىششىقى، ئۆپكە تۇبىركۇليوز قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ چوڭ نېرۋىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

زەەر چېكىش ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك يۇلۇن ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇشچان نېرۋا ياللۇغى، باكرىتىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئادەم بەدىنىدە زەھەرگە نىسبەتەن چىدامچانلىق پەيدا بولىدۇ، يەنى ئازغىنە زەھەر زەھەر چەككۈچىنىڭ خۇمارىنى قاندۇرالمايدۇ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئامالسىز زەھەرنى تومۇرغا ئۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس ئارقىلىق زەھەر ئۇرۇش يىرىڭلىق ئىششىق كۆنەكسىمان توقۇلما ياللۇغى، قان نوكچىسى مەنبەلىك ۋېنا ياللۇغى، قان بۇزۇلۇش ۋە باكتىرىيەلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنى شۇكى ئۇ ئەيدىز كېسىلىنى ئېلىپ كېلىدۇ. زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار ھەمىشە پاكىز بولمىغان شىپرىسنى ئىشلەتكەچكە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللاردا يۇقۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە زەھەر چەككۈچىدە ئېغىر دەرىجىدە دورىغا بېقىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا زەھەر تاشلاشتا چوقۇم بىر بىخەتەر، جىمجىت، يېپىق مۇھىت بولۇشى كېرەك. زەھەر چېكىش ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە، بەدىنىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن، زەھەر چەككۈچىلەر يەنە سىستېمىلىق ھالدا دورا، پىسخىكا ئارقىلىق داۋالىنىشى ۋە كۈتۈنۈش ئارقىلىق داۋالىنىشى كېرەك. پەقەت مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىلا پۇت ئۇۋۇلاش ئارقىلىق داۋالاش، سىستېمىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن زەھەر چېكىدىغان دوستلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن زەھەرنى تاشلىيالايدۇ.

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:17:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ