12 ئايلىق بوۋاقلار 👶 – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

12 ئايلىق بوۋاقلار 👶

باش ئايلانمىسى: 43.6 – 48.5  سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى:  71.3 – 80.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7800 – 11800   گىرام

بىر قولىنى تۇتۇپ تۇرسا، ئاستا ئاستا ماڭالايدۇ. ياردەم يوق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆز ئالدىغا قىسقا ۋاقىت تىك تۇرالايدۇ، بىرقانچە قەدەم ماڭالايدۇ. 2-4 سۆزلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپ دىيەلەيدۇ (ئاپا، دادا..). يالغۇز توپ ئوينىيالايدۇ.

ئاددىي بۇيرۇقلارنى قىلالايدىغان بولىدۇ. كىيىم كىيدۈرگەندە بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدۇ. قولىدىكى جىسىمنى باشقىلارغا بېرەلەيدۇ. رەسىملىك كىتاپلارنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ.

ئاددىي دوراش ئۇسلۇپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىيالايدۇ ( قوشۇق بىلەن تاماق يىگەننى دوراش..)

12 ئايلىق بوۋاقلار 👶  – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,040FansLike
163FollowersFollow
1,490SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار