ئائىلە ئىستىلى ئۈنسىز تەربىيەدۇر

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ھۈجەيرىسى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى دەۋر ۋە تۇرمۇش ئەندىزىسىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرسۇن، ھەممىمىز ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ۋە ئائىلە ئىستىلىغا ئەھىمىيەت بېرىشىمىز كېرەك

ئائىلە تەربىيەسى ماددىي قاتلامغا مەنسۇپ ئەمەس، ئۇ ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ باي – كەمبەغەللىكى، جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئائىلە ئىستىلى بىر خىل مەنىۋى روھ ۋە مەدەنىي قاتلامدىكى نەرسە بولۇپ، ئاڭ فورمىسى دائىرىسىگە مەنسۇپ، ئۇنى يەنە ئائىلە مەدەنىيىتى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئىنسان مەلۇم بىر ئائىلىدە ئۇزاق ۋاقىت ياشىغاچقا، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ئاستا – ئاستا تەسىر قىلىپ، بىلىپ – بىلمەي ئائىلە ئىستىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ.

ئائىلە ئىستىلى ئۈنسىز تەربىيەدۇر

بالا پاسسىپ ھالدا ئاتا – ئانىنىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن باشقۇرۇشىنى، تەربىيەلىشىنى، يارىتىپ چىقىشىنى قوبۇل قىلماستىن، بەلكى ئاتا – ئانا بىلەن ئاكتىپ ھالدا پىكىرلىشىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاتا – ئانا ئۆز ھەيۋىسى، ھوقۇقىغا تايىنىپ، بالىغا بىر تەرەپلىمىلىك، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەربىيە بېرىشكە بولمايدۇ، ئائىلىدە ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت، ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرگەندە، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنى مۆلچەرلەش ۋە تىزگىنلەش تەسكە چۈشمەكتە. ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى ھەر بىر بالىنىڭ چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان ‹‹پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى››، ئائىلە تەربىيەسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئاساسلىقى بالىغا ئۇل سالىدۇ. ئۇل ياخشى بولغاندا، كېيىن ناچار تەسىرگە ئۇچراپ يولدىن چىقىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇل ياخشى بولمىغاندا، كېيىن تۈزىتىشمۇ تەسكە توختايدۇ.

ھەر بىر ئائىلە جەمئىيەت بىلەن ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ھەرقانداق بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە چىقىدۇ. ئائىلە ئىستىلىنى تىكلەشتە، چوقۇم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەزالارغا بولغان تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئىندىۋىدۇئاللىق خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ ماسلىشالايىدىغان ئائىلە ئىستىلى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ئائىلە ئىستىلى ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار بىرلىكتە تۈزگەن، بىرلىكتە ئەمەل قىلدىغان قېلىپلاشقان بىر خىل ھەرىكەت مىزانى. ئەمما ئائىلە ئىستىلىنى بېكىتكۈچى يەنىلا ئاتا – ئانا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىنىڭ سەۋىيەسى ئىنتايىن مۇھىم.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,040FansLike
163FollowersFollow
1,490SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار