ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1) ئاشقازان – ئۈچەي ئىششىقى ( ياللۇغى ) كېسەللىكىگە چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن يېرىم جىڭنى پاكىزلاپ قۇرۇتۇپ تالقانلاپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

2 ) تۇخۇم شاكىلىنى لازىملىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ تالقانلاپ ، چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى – ئۈچ مىسقالدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان – ئۈچەي ئىششىقى ، ئاشقازان يارىسىغا ئۈنۈم بېرىدۇ .

3) ياشراق ئانارنىڭ يۇپۇرمىقى ، تاجىگۈلدىن سەككىز يېرىم مىسقالدىن ئېلىپ ، بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلارنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى پاكىز داكىدا سۈزۈپ تەييارلاپ ، چوڭ كىشىلەر بۇ دورا سۈيىنى ئۈچكە بۆلۈپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئۆتكۈر ئاشقازان – ئۈچەي ئىششىقى ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش ، ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى ياخشى .

4 ) ئىگىر ئىككى سەر ، چىڭسەي ئۇرۇقى يەتتە يېرىم مىسقال ، جۇۋىنە يەتتە يېرىم مىسقال ئېلىنىدۇ . بۇلارنى تالقانلاپ ، يالپۇز ياكى پىننىنىڭ تەمى چىقىرىلغان قىيام سۇيۇقلۇقى بىلەن خېمىر قىلىپ ، چوڭراق چىلان ئۇرۇقىدەكتىن كۇمىلاچ قىلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي كېسەللىكى ، قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش كېسەللىكلىرىنى دەپئى قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى

5 ) ئارپىبەدىيان بەش سەر ، چىڭسەي ئىككى يېرىم سەر ، سېرىق ئوت ( ئەپتىدون ) ئىككى يېرىم سەر ( بىر سەر ئىككى يېرىم مىسقال ) ، كاسىنە بىر سەر ئىككى يېرىم مىسقال ، پىننە ئىككى يېرىم سەر ئېلىنىدۇ . يۇقىرىقى دورىلارنى بەش چىنە سۇدا ئۈچ يېرىم چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا سۈزۈپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر سەردىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

6) ئانار ئۇرۇقى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقال ، يالپۇز ۋە ئۆرۈك يېلىمى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقالدىن ئېلىنىدۇ . يۇقىرىقى دورىلارنى تالقانلاپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەبلىك كۆڭۈل ئېلىشىش ، قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

7) ئۈچ يېرىم سەر كۆك يانتاق چېچىكى بىر چىنە قايناقسۇدا دەملىنىدۇ ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، چوڭلار دورا سۈيىنى كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلس ، ئاشقازان كېسەللىكىدىن بولغان قورساق ئېسىكى ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

8) كاللەكبەسەينىڭ يىلتىزىنى ئېلىۋېتىپ پاكىزلاپ ، ئىككى جىڭ مىقدار ئۈگرىدەك توغراپ ، تۆت چىنە سۇغا سېلىپ ، ئۈچ چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى ئوبدان سۈزۈپ ، ئۈستىگە بىر جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەنە قاينىتىپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسەللىكىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

9) يانتاق چېچىكى ئۈچ يېرىم سەر ، جىگدە ياغىچىنىڭ كۆمۈرى ئۈچ يېرىم مىسقال ئېلىنىدۇ . يانتاق چېچىكىنى پاكىزلاپ قۇرۇتۇپ ، جىگدە ياغىچىنىڭ كۆمۈرى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ تالقانلاپ ، يالپۇز شەربىتى بىلەن خېمىر قىلىپ ، بىر مىسقالنى ئالتە دانە كۇمىلاچ قىلىپ قۇرۇتۇپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى دانىدىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ يېرىمدىن بىر يېرىم دانىغىچە ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئىشتىھاسىزلىق ۋە قورساق ئېسىلىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:07:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ