تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە ۋىتامىنB ۋە ۋىتامىنE قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتسە، ئادەمنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە ۋىتامىنB ۋە ۋىتامىنE قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتسە، بەدەندىكى ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ئوكسىگېندىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، ئېنېرگىيە ئالمىشىشنى تۆۋەنلىتىپ، ئورگانىزملارنىڭ سوغۇققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.
بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتسە، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن. شۇڭا، قىش ۋە ئەتىيازدا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە ۋىتامىنB ۋە ۋىتامىنE قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش كېرەك.
ۋىتامىنB ۋە ۋىتامىنE تەركىبى مول يېمەكلىكلەردىن گۆش، سۈت، خاسىڭ، پۇرچاق، قوناق، تۇخۇم، بېلىق، قېرىنقۇلاق، شوخلا، پالەك قاتارلىقلار بار.