ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلاركۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاشنى داۋالاش رىتسىپى

كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاشنى داۋالاش رىتسىپى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

رېتسېپ : ھەركۈنى توخۇ تۇخۇمىدىن ئىككىنى 30 گرام ئالقات بىلەن بىرگە قاينىتىپ ، پىشۇرۇپ ، ئاندىن تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ ، يەنە 15 مىنۇت قاينىتىپ ئېلىپ ، تۇخۇمنى يەپ ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنى ئۇدا 5 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

رېتسېپ : قوي جىگىرىدىن 150 ~ 200 گرامنى قاينىتىپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا توخۇ تۇخۇمىدىن 2 دانىنى چېقىپ ، غولپىيازدىن ئازراق قوشۇپ يەنە بىردەم قاينىتىپ ئېلىپ ، سۈيىنى ئىچىپ ، جىگەر بىلەن تۇخۇمنى يەپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

رېتسېپ : توخۇ تۇخۇمىدىن 2 دانىنى ، ئالقاتدىن 15 ~ 30 گرامنى ، چىلاندىن 6 ~ 8 دانىنى بىرگە قاينىتىپ پىشۇرۇپ ، ئاندىن تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ ، يەنە بىردەم قاينىتىپ ئېلىپ ، تۇخۇمنى يەپ ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنى ھەركۈنى ياكى 2 كۈندە بىر قېتىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

رېتسېپ : ئۈجمىدىن 15 گرام ، ئاق جۇخارگۈلدىن 9 گرام ، ئاق شېكەردىن بىر قوشۇقنى قاينىتىپ كۈنىگە بىر قېتىم ئىچىپ بېرىلىدۇ .

رېتسېپ : ھەر كۈنى ئالقاتتىن 20 گرام چايناپ يەپ بېرىلىدۇ . 15 كۈن بىر داۋالاش كۇرسى قىلىنىدۇ .

رېتسېپ : ھەركۈنى جۇخارگۈلنى قايناقسۇدا دەملەپ ، ئۇدا بىرمەزگىل ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ .

رېتسېپ : ئورمان كىرەشى ، كەۋرەك ، داغلانغان چۈچۈكبۇيانىڭ ھەربىرىدىن 30 گرامنى تالقان قىلىپ ، ھەر قېتىمدا 6 گرام جۇخارگۈل دەملىمىسى بىلەن ئىچىپ بېرىلىدۇ .

رېتسېپ : مورىندادىن 30 گرام ) سۇغا چىلانغان ئوتتۇرا قىسمى ئېلىۋېتىلىدۇ ( ، شازاندىرادىن 90 گرام ، توشقانزەدىكىدىن 60 گرام ، جۇخارگۈلدىن 150 گرام ئېلىپ تالقان قىلىپ ، ھەسەل قوشۇپ ماش چوڭلۇقىدا كومىلاچ ياساپ ، ھەر كۈنى 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 50 تال تاماقتىن بۇرۇن يەپ بېرىلىدۇ .

رېتسېپ : ئالقاتدىن 20 گرام ، گۈرۈچتىن 100 گرامنى قازانغا سېلىپ سۇ قويۇپ ، قاينىغاندىن كېيىن سۇس ئوتتا گۈرۈچ يۇمشىغانغا قەدەر پىشۇرۇپ ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سېلىپ ، ئىسسىق پېتى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بېرىلىدۇ .

تەسىرى : ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ . دېئابىت ۋە بۆرەك ، جىگەر

ئاجىزلىقتىن بېشى قېتىش ، كۆزى تورلىشىش ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش ، بەل – پۇتى تېلىش ، جىنسىي ئاجىزلىق ، مەنىي بالدۇر كېتىش ، ئېتىلام بولۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ .

رېتسېپ : سەۋزىدىن 6 دانىنى قاينىتىپ 2 كۈنى ئىچىپ بېرىلىدۇ ، ئۇدا بىرمەزگىل ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:07:27

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ