1) بىر دانە توخۇنىڭ ئۆتىنىڭ ئېلىپ ، ئۇنىڭغا قويۇقلاشقۇدەك مىقداردا ئاق شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ . بىر ئۆتتە ياسالغان دورا بىر ئايلىقتىن بەش ئايلىققىچە بولغان بالىلارغا كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئۈچ كۈن ئىچكۈزۈلىدۇ . بەش ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان بالىلارغا كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئىككى كۈن ئىچۈرۈلىدۇ . بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچۈرۈپ تۈگىتىلىدۇ . مۇشۇ نىسبەت بويىچە ئىچىشنى داۋام قىلسا ، كۆكيۆتەلنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
2) يەتتە دانە تۇخۇمدا ياغ چىقىرىپ ، بەش مىسقال ناۋاتنى تالقانلاپ ، ئىككى قوشۇق قايناق سۇغا ناۋاتتىن بىر مىسقال سېلىپ ئېرىتىپ ، تۇخۇم يېغىدىن ئىككى – ئۈچ تامچە تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا ، كۆكيۆتەلنى توختىتىشتا ئەھمىيىتى بار ( كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئىچۈرسە بولىدۇ ).
3) بىر دانە ئاق قۇشقاچنى ئۆلتۈرۈپ پاكىزلاپ ، بىر چىنە سۇدا يېرىم سەر ناۋات قوشۇپ قاينىتىپ ، پىشقاندىن كېيىن گۆشنى يېگۈزۈپ سۈيىنى ئىچۈرسە ، كۆكيۆتەلنى توختىتىدۇ .
4) بىر دانە كۆك كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ ، قېنىنى كېسەلنىڭ كاناي ۋە كۆكرەكلىرىگە سۈركەپ ، گۆشىنى بىر چىنە سۇدا پىشۇرۇپ يېگۈزۈشنى داۋام قىلسا ، سوغۇقتىن بولغان كۆكيۆتەلنى پەسەيتىشتە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
5) بىر دانە ھەرە كۆنىكىنى ئۈچتىن بەش قېتىمغىچە ئىلمان سۇغا بىر سائەتتىن چىلاپ ، سۈيىنى قايتا يېڭىلاپ پاكىزلاپ ، بىر سەر ناۋات بىلەن بىر پىيالە سۇدا ئىككى قېتىم قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، داكا بىلەن سۈزۈپ شېشىگە ئېلىپ قويۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم كىچىك بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كىچىك تۆمۈر قوشۇقتا يېرىم قوشۇقتىن بىر قوشۇققىچە ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا ، كۆكيۆتەلگە ئوبدان ئۈنۈم بېرىدۇ .
6) بىر سەر ئۈچ مىسقال تاتلىق بادام مېغىزى ، ئالتە مىسقال قارىمۇچ ، بىر سەر ناۋاتنى تالقانلاپ ، كۆكيۆتەل بالىلارنىڭ ياش پەرقى ۋە باشقا ئەھۋالىغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى – تۆت بارماقتا بىر چىمدىمنى يېرىم قوشۇقتىن بىر قوشۇققىچە قايماققا ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈشنى داۋام قىلسا ، يۆتەل ۋە قۇسۇش ، كۆكسى چىڭلىق ، قىزىتما ، كۆكيۆتەلگە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ .
7) بىر دانە بېھىنىڭ ئىچىنى پىچاق بىلەن ئويۇپ ، ئىچىگە قوينىڭ چاۋا يېغىدىن ۋە ئاقمۇچ تالقىنىدىن بىر چىمدىم سېلىپ ، بېھى تۆشۈكىنى خېمىر بىلەن ئېتىپ قوقاسقا كۆمۈپ ، ئوبدان پىشقاندىن كېيىن پوستىنى سويۇۋېتىپ ، بىر بېھىنى ئىككى – ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ يېگۈزۈشنى داۋام قىلسا ، يۆتەل ، كۆڭلى ئېلىشىش ، كۆكسى چىڭلىقنى پەسەيتىشتە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
8) چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن ئىككى مىسقال ، بادامدىن بىر سەر ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ياكى تېنى ، زىغىرنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى مىسقال ، كۆكنار شاكىلىدىن بىر مىسقال ، ناۋاتتىن يەتتە مىسقال ئېلىپ يۇقىرىقى دورىلارنى چالىراق سوقۇپ ، ھەر قېتىمدا بەش بارماقتا چوڭ بىر چىمدىمدىن بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا ، يۆتەلنى پەسەيتىش ، قىزىتمىنى ياندۇرۇش ، ئۇسسۇلۇقنى دەپئى قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ ( بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارمۇ ئىچىشى كېرەك ).