ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەرۋاكسىناB تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دېگەن نېمە؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ بىرى ، يەنى جىگەرنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر جىگەر ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقسا، جىگەر نورمال رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ. يەنى قاننىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق پايدىسىز ماددىلارنى تولۇق سۈزەلمەسلىك، بەدەن ئىممۇنىتېت تۆۋەنلەش، ئاسان قاناش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئاستىلاش ھەتتا ھاياتقا تەھتىد بولغۇدەك ئېغىر نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى تەرجىمىسى

ئۇيغۇرچە: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى
ئىنگىلىزچە: hepatitis B
خەنزۇچە: 乙肝, 乙型肝炎
تۈركچە: hepatit B

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى, يى گەن

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟

  1. قان يولى، ئىسپېرما، جىنسىي يول ئاجراتما سۇيۇقلۇقلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ.
  2. بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت، ھەمجىنىسلىق، ئايالىغا ۋەيا ئېرىگە سادىق بولماي قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، كۆپ جىنسىي ھەمرىيى بولۇش.
  3. قان تەغدىم قىلىش قان سېلىش
  4. ھامىلدار ئانىدا بولسا، ھامىلدار مەزگىلىدە تۆرەلمە بوۋاققا يۇقۇش نىسبىتى 2%. تۇغۇش جەريانىدا يۇقۇش نىسبىتى 98%.
  5. بۇنىڭدىن سىرت ئوخشاش قوشۇق ئارا، لۆڭگە، ساقال ئالغۇچ، ئويۇنچۇقلار، چىش چوتكىسى … قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
  6. باشقىلار ئىشلەتكەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئىشلىتىش.
  7. پاكىز بولمىغان ئەسلىھەلەر بىلەن چەكمە چېكىش، قۇلاق تىشىش.
  8. ئىشەنچسىز يەرلەردە چىش داۋالىشى، ھاجامات، زۈلۈك داۋالاش ۋە باشقا تېرىنى تىشىدىغان كېسىدىغان داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىش.

كۆز يېشى، تەر، كىچىك تەرەتلەر چاچراپ كەتسە يۇقۇملانمايدۇ.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئالامەتلىرى نىمە؟

قۇرامىغا يەتكەنلەردە كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى بوۋاقلاردا ياكى بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 45-160 كۈن ئىچىدە (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120 كۈن) كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ، سېرىقلىق چۈشۈش ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىشى مۇمكىن ، ئەمما ئاجىزلىق ۋە ھارغىنلىق بىر نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىن.

  1. ئاجىزلىق ، ھارغىنلىق
  2. ئىشتىھا تۇتۇلۇش
  3. كۆڭلى ئاينىش ، قۇسۇش
  4. ئاشقازان ئاغرىش
  5. بىنورمال قىززىش
  6. باش ئاغرىقى
  7. مۇسكۇل ۋە بوغۇم ئاغرىقى ، بوغۇم ياللۇغى
  8. تېرە ئەسۋىسى
  9. سۈيدۈكى قۇيۇقلىشىش، پۇرىقى ئۆزگىرىش
  10. كۆزىنىڭ ئاق قىسمى ۋە تېرىسى كۆرۈنەرلىك سارغىيىش

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلىنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش مەزگىلى قانچىلىك بولىدۇ؟

قان تەكشۈرۈشتە بارلىق HBsAg مۇسبەت چىققان كىشىلەر ، مەيلى جىددىي ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىدىن قەتئىينەزەر ، باشقىلارغا يۇقۇملاندۇرۇش خەۋپى بار دەپ قارىلىدۇ.

 

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان تەكشۈرۈشى ئىچىدىكى HBsAg دىگەن نىمە؟ بۇ نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

HBsAg نىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئىسمى : hepatitis B surface antigen.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈز ئانتىگېنى.
خەنزۇچە تەرجىمىسى: 乙肝表面抗原.
تۈركچە تەرجىمىسى: Hepatit B yüzey antijeni.

بۇنى قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بار يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ قان تەكشۈرۈش مۇسبەت يەنى پوزىتىۋ چىقسا، دىمەك بۇ كىشى ب تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغانلىقىنى، ب تىپلىق جىگەر كېسىلى دەپ جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ جىددىي خاراكتېرلىك ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك دەۋرىگە كىرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەيلى قايسى دەۋىردە بولسۇن باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئىھتىماللىقى بار.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا يۇقۇملانسا قانداق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؟

جىددىي خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HBV) بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي ساقىيىدۇ ۋە مەركۈز كېسەللىككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللىنىدۇ. يەنى مۇشۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئارقىلىق بەدەن بۇ كېسەللىكتىن قايتا يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرالايدۇ، قايتا بۇ كېسەللىككە يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.

ئەمما، بىر قىسىم كىشىلەر ساقايغىنى بىلەن، يەنىلا بىر قىسم كىشىلەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن، جىگەر ياللۇغى باشلىنىدۇ. بەزىلىرىدە پارتلىغۇچ خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئەھۋال ھېساپلىنىدۇ. يەنە بەزىلەردە، جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ دە بۇ بېرىپ جىگەر قېتىشىش، جىگەر زەئىپلىشىش، جىگەر راكى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، ۋە بەدەندە بۇ كېسەللىكلەرگە ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئىنسان ھاياتىغا ئېغىر تەھتىد كۆرسىتىدۇ ، تۇرمۇشىغا، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

قايسى گۇرۇپتىكى كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان كېسەل يۇقىدۇ؟

  1. قان تازىلىتىش داۋالىنىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىمارلار،
  2. ئورگان ۋە سۆڭەك يىلىكى كۆچۈرمەكچى بولغان كاندىداتلار ۋە بىمارلار،
  3. قان ۋە قان مەھسۇلاتلىرىنى دائىم ئىشلىتىش ئىھتىياجى بولغان بىمارلار،
  4. زەھەرلىك چېكىملىك ​​چەككۈچىلەر،
  5. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ۋاكسىنا قىلىنمىغان ئائىلە تاۋاباتلىرى،
  6. كۆپ جىنسىي ھەمراھى بار ۋە پۇل ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار ،
  7. ھەمجىنىسلار / قوش جىنىسلىقلار ،
  8. B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ،
  9. تۈرمە ۋە تۈزىتىش ئورۇنلىرىدىكى جىنايەتچىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر
  10. بەدىنىگە گۈل، شەكىل چەككۈزمەكچى بولغانلار،
  11. ساتىراچلار،
  12. روھىي كېسەل بىمارلىرى،
  13. بىخەتەرلىك خادىملىرى (ئەسكەرلەر ، ساقچى قاتارلىقلار)
  14. سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان تازىلىق خادىملىرى ،
  15. جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىشلەۋاتقان خادىملار ،
  16. جىددىي قۇتقۇزۇش ، ئاپەت ۋە پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا ئىشلەۋاتقان دۆلەتلىك تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى  خادىملىرى
  17. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كۆپ ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بارىدىغان كىشىلەر.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن قوغدىنىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

  • ھامىلىدارلار قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بار ئانىلار تۇغقاندىن كېيىنلا بوۋاقلىرىغا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى قوغداش قان زەردابى (B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنوگلوبۇلىن) ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرۇش كېرەك.
  • جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق كېسەل يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ۋە ۋاكسىنا ئەملەنگەن ، ئەمما ئىممۇنىتېتلانمىغان كىشىلەر، بەدەندە ئىممۇنىتېت پەيدا بولغۇچە ئارىلىقتا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە كوندوم ئىشلىتىش كېرەك.
  • ئوكۇل، ئوپىراتسىيە ئەسۋاپلىرى، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئەسۋاپلىرى، ھاجامات قان ئېلىش ئەسۋاپلىرى، زۈلۈك، چىش داۋالاش ئەسۋاپلىرىنىڭ پاكىز ۋەيا بىر قېتىملا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  • زەھەر چەككۈچىلەر يىڭنە ، ئوكۇل ۋە باشقا ئوكۇل ئۈسكۈنىلىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
  • بەدەنگە چەكمە چېكىش ، قۇلاققا تۆشۈك تېشىش ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاشتا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە قىلىنغان ئەسۋاپ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش كېرەك.
  • ئائىلىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار بولسا، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى كۆپ كىشىلەر توپلىشىپ ياشايدىغان بىر مۇھىتتا بولسۇن، ساقال ئالغۇچ ، چىش چوتكىسى ، تىرناقئالغۇچ قاتارلىق شەخسىي نەرسىلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
  • كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، ئەنئەنىۋى تېبابەت داۋالىنىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى قانۇنلۇق ئىجازەت بەرگەن ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا، چىش دوختۇرخانىلار، ساغلاملىق مەركەزلىرىگە بېرىش لازىم.
  • ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋاكسىنا ئەملەش. ۋاكسىنىنىڭ قوغداش نىسبىتى% 90-95. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يېتەرلىك ئانتىتېلاغا ئېرىشكىلى بولسا ، قوغداش نىسبىتى% 100 كە يېتىدۇ.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، جىگەر ياللۇغىدىن شۈبھىلەنسەك قايسى بۆلۈمگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىشىمىز لازىم؟

قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، جىگەر ياللۇغىدىن شۈبھىلەنسە تۆۋەندىكى بۆلۈملەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم:
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

بالىلار (18 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىلەر) ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، جىگەر ياللۇغىدىن شۈبھىلەنسە تۆۋەندىكى بۆلۈملەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم:
بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى، بالىلار ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

 

بەدىنىمدە جىگەر ياللۇغى بار يوقلۇقىنى ۋەيا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچۈم بار يوقلۇقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قانداق قىلشىم كېرەك؟

ئەگەر ئىلگىرى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن ئەملەنمىگەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، ۋەيا بۇ كېسەلنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلىقىڭىزنى بىلمىسىڭىز، ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ توغرىلىق ئەندىشىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرسىڭىز، ئائىلە دوختۇرىڭىز قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىزگە دەپ بېرەلەيدۇ.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

غەرىپ مېدىتسىناسىدا ، جىددىي خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە نېگىزدىن داۋالاش ئۇسۇلى تېخى تېپىلمىدى. ھازىرقى داۋالاش پىرىنسىپى بولسا، ئالامەتلەرنى داۋالاپ ساقايتىش، بەدەن ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقۇملىنىشنى داۋالاشنىڭ مەقسىتى جىگەر قېتىشىش ، جىگەر زەئىپلىشىش ۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. شۇڭلاشكا بۇ سەۋەبتىن، داۋالاش جەريانىدا بىمارنى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈپ ئىز قوغلاپ كۈزىتىپ تۇرۇش كېرەك. سوزۇلما B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆپ خىل دورا تاللاشلىرى بار. دوختۇرلار تورى بىكەت باشلىقى نۇرمەمەت دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇ، گەرچە داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونترول قىلغىلى، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى زور دەرىجىدە كونترول قىلغىلى بولسىمۇ ، ئەمما ۋىرۇسنى بەدەندىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئادەتتە ، كېسەللىكنىڭ بەدەندىكى ئېغىر – يېنىك دەرىجىسىگە ئاساسەن، يېنىك ۋەقەلەردە بىرتال ۋىرۇس قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ۋەيا ئېغىر ۋەقەلەردە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىمۇ كېرەك بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، مۇنتىزىم دوختۇرنىڭ كۆرۈپ تەكشۈرۈشى، توغرا دىئاگنوز قويۇشى، دوختۇر بىمار ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىدۇر.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قايسى ياشتا يۇقۇش بىلەن كېسەللىك تەرەققىياتى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئۇزۇن يىللىق سىتاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقۇملىنىپ، كېسەللىك پەيدا بولۇش ۋە ئېغىرلاپ كېتىش ئىھتىماللىقى بىلەن بىمارنىڭ يېشى تەتۈر تاناسىپ بولۇۋاتىدۇ. يەنى ھامىلدار ياكى يېڭى بوۋاق تۇغقان ئانىلاردا جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بولۇپ، بوۋاققا يۇقسا، بۇلارنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىش ئىھتىماللى 90% ئىكەن. 1-5 ياش ئەتراپىدىكى بالىلاردا 30-50% ئەتراپىدا بولىدىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەردە بولسا 5% ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن، دوختۇرلار تورى بىكەت باشلىقى نۇرمەمەت دوختۇر بوۋاق بالىلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىشى ناھايىتى مۇھىم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

 

ھامىلدار خانىملار جىگەر ياللۇغى تەكشۈرۈش قىلىشى لازىممۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋەيا ۋاكسىنا ئەملەش قارارىنى بېرىش، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارلىق ھامىلدار خانىملار تۇغۇشنىڭ ئالدىدا قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق HBsAg نى تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىم.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى تەرجىمىسى

ئۇيغۇرچە: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى
ئىنگىلىزچە: hepatitis B vaccine
خەنزۇچە: 乙型肝炎疫苗, 乙肝疫苗
تۈركچە: hepatit B aşısı

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
B تىپلىق جىگە ياللۇغى ۋاكسىنىسى,يى گەن ۋاكسىنىسى

دۇنيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسنىڭ قىسقارتىلما ئىسمى:
Hep-B

سىز تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش كالىندار جەدۋىلىدە مۇشۇ ئىسىم شەكىلدە كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

 

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بېكىتكەن بالىلار B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋاقىت كالىندار جەدۋىلى قانداق شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 72 سائەت ئىچىدە بولۇپمۇ 24 سائەت ئىچىدە 1. قېتىملىق ۋاكسىنا ئۇرۇلىدۇ.
تۇغۇلۇپ 1.ئاينىڭ ئاخىرىدا 2. قېتىملىق ۋاكسىنا ئۇرۇلىدۇ.
تۇغۇلۇپ 6.ئاينىڭ ئاخىرىدا 3. قېتىملىق ۋاكسىنا ئۇرۇلىدۇ.

ۋاكسىنا ھەقسىز ئەملىنىدۇ.

 

ياشلار، قۇرامىغا يەتكەنلەرگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرسا بولامدۇ؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەملىنىدۇ؟

  1. ۋاكسىنا ئەملىسە بولىدۇ.
  2. ئەملەش ۋاقتى 0-ئاي، 1-ئاي، 6-ئايدا، جەمئىي 3 قېتىم ئەملىسە بولىدۇ.
  3. ئالدىدا دەپ ئۆتكەن خەتەر ئاستىدىكى كىشىلەرگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قېتىملىقى ئارىسىدا ئەڭ ئاز 4 ھەپتە، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى ۋاكسىنا ئارىسىدا ئەڭ ئاز 8 ھەپتە ئارىلىق قويۇپ ئەملىنىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەنگەندە خاتىرىلەپ قويسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

 

چوڭلار ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى قايسى شەكىلدە ئەملىنىدۇ؟

ئەگەر بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئەملەنمىگەنلىكى ئېنىق بولمىسا، ۋەيا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسلى گىرىپتار بولۇپ ئەمما بەدەندە كېسەللىككە قارشى يېتەرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىگەن بولسا، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ۋاكسىنا 3 قېتىم ئەملىنىدۇ.

  • 1. قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىنىش ئالدىدا، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەدەندىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى باھالىنىدۇ ۋە 1.قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىنىش قارارى بېرىلىدۇ.
  • 2. قېتىملىق ۋاكسىنا، 1.قېتىملىق ۋاكسىنىدىن 1 ئاي كېيىن ئەملىنىدۇ.
  • 3. قېتىملىق ۋاكسىنا، 2. قېتىملىق ۋاكسىنىدىن 5 ئاي كېيىن ئەملىنىدۇ.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى كىملەرگە ھەقسىز ئەملىنىدۇ؟

بالىلار ۋە ۋىرۇس يۇقۇملىنىش خەتىرى بولغان كىشىلەرگە ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ.

 

ۋاكسىنىنىڭ كۈچى (قوغداشچانلىقى) قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى 3 قېتىمدىن كېيىن ،% 90 تىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەنلەر ، بوۋاقلار ۋە بالىلار ۋە 19 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ 95% ى يېتەرلىك ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، بەدەندە يىتەرلىك كېسەللىككە قارشى ئانتېتېلا پەيدا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق كېسەللىككە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۆمۈر بويى داۋام قىلالمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ بەدەننىڭ بۇ كېسەللىككە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، يەنى ئانتېتېلانىڭ مىقتارى ئازلاشقا باشلايدۇ. مۇتەخخەسىسلەر بۇ قوغدىنىش ۋاقتىنى 20 يىل ئەتراپىدا دەپ يەكۈن چىقارغان. ئەمما شۇ كىشىنىڭ بەدەن ئەھۋالى، ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بەدەندىكى ئانتېتېلانىڭ قانچىلىك مىقتارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. دوختۇر تەۋسىيىسى ئاستىدا قايتا ئەملىتىش ئەملەتمەسلىكنى قارار بەرسە بولىدۇ.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىگەن تەغدىردىمۇ يىتەرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

3 قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، قان تەكشۈرۈشتە، يېتەرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىگەنمىسە ، تەكرار 3 قېتىم ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك. ئاخىرقى قېتىملىق ۋاكسىنادىن 2 ئاي كېيىن قايتا قان تەكشۈرۈشتە يانىلا يېتەرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىگەنلىكى بايقالسا، بۇ كىشى ئىممۇنىتېت شەكىللەنمىگەنلەر گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرىلىدۇ ۋە ئۆزىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك تەلىم تەربىيەلەر بېرىلىدۇ. كېيىن ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا يۇقۇملىنىش شۈبھىسى بولغان ئەھۋاللاردا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنوگلوبۇلىن ئوكۇلىنى ئۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىكتىن قوغدىنىدۇ.

يىتەرلىك ئىممۇنىتېت شەكىللىنىپ شەكىللەنمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى HBsAb (يەنە بىر قىسقارتىلما ئىسمى: Anti-HBs) ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈز ئانتىتېلا بار يوقلۇقىغا ۋە مىقتارىغا قارايدۇ.

 

نىمە ئۈچۈن بالامغا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇشۇم كېرەك؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

جىگەر قېتىش (ئەڭ ئاساسلىق ئەنسىرەيدىغىنىمىز بىر ئەھۋال. جىگەر ياللۇغلىنىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى. جىگەر قېتىشىش ئەھۋالى بولسا، ئوتتۇرىچە ياشاش ئۆمرى38-40 ئاي.)
جىگەر راكى
جىگەر زەئىپلىشىش
پارتلىغۇچ خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى (ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىگەر زەئىپلىشىش كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئەھۋالى)

نورمالدا جىگەر ياللۇغى يېڭى باشلانغاندا ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا بىمار ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ ۋە كېسەللىكنى ئەتراپتىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ۋاكسىنىنى ئەملىتىش ھەم ئۆزىنى قوغدىغانلىق، ھەم ئەتراپتىكىلەرنى قوغدىغانلىق دەپ چۈشىنىشىڭىز لازىم.

 

كىملەرگە ۋاكسىنا ئەملىگىلى بولمايدۇ؟

  • B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا گىرىپتار بولغان ئەمما بەدەندە تېخى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلەر،
    بەدەندە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاكتىپ كۆرۈلۈۋاتقانلار،
  • B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىغا قارشى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى (ئانافىلاكسىيە) كۆرۈلگەنلەر،
  • خېمىر ماياسىغا قارشى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى (ئانافىلاكسىيە) كۆرۈلگەنلەر،
  • Saccharomyces cerevisiae ساككارومىچەس سېرېۋىس ماددىسىغا قارشى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى (ئانافىلاكسىيە) كۆرۈلگەنلەر،

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى نېمە؟

ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكىس تەسىرى، ئوكۇل ئۇرغان ئورنىدا ئاغرىق ۋە يېنىك قىزىش.
ھارغىنلىق ، باش ئاغرىش ۋە بىئاراملىق.
سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈم خەۋپى بولغان ئانافىلاكسىيە دەرىجىدىكى زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى ھەر 600،000 ئادەم ئىچىدە 1 ئادەمدە كۆرۈلىدۇ.

 

ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن قايسى بۆلۈمگە بېرىشىمىز كېرەك؟

دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكى بېكىتكەن ۋاكسىنا ئەملەش جەدۋىلىگە ئاساسەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى بالىلارغا ئەملىتىش ئۈچۈن مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (ئائىلە دوختۇرى) غا بېرىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئۈچۈن شۇ كىشى تۇرۇشلۇق مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (ئائىلە دوختۇرى) ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك.

 

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بەدەننىڭ قايسى يېرىگە ئەملىنىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ ئۈستۈنكى پاچاق سىرتقى يۈزى مۇسكۇلىغا ئوكۇل شەكىلدە ئۇرۇلىدۇ.

ئاپتور: نۇرمەمەت دانىش (نۇر دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-28 / 04:08:05

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ