ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقسىز قىزىلمۇچ (لازا) يېيىشكە ماس كېلەمسىز؟

سىز قىزىلمۇچ (لازا) يېيىشكە ماس كېلەمسىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

لازا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەم تەڭشىگۈچى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سىچۈەنچە ۋە خۇنەنچە قورۇمىلار جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلىدى. لازا يېيىشلىك بولۇپلا قالماستىن، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، ھەممە ئادەم بۇ كاتتا نېمەتتىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. ئۇنداقتا لازا يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ لازا يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ قانداق ئادەملەر لازا يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ؟

ئالدى بىلەن بىز لازا يېيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى: «ساغلاملىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇندىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا، لازا ۋە ئۇنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ تەركىبى كابزائىتسىننىڭ ياخشى رولغا ئىگە ئىكەنلىكى، يەنى سېمىزلىككە تاقابىل تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ۋە راكقا تاقابىل تۇرۇش رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور لى لىمىڭ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئوكسىفورد داشۆسى بىلەن ھەمكارلاشقان «جۇڭگولۇقلارنىڭ ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرى تەتقىقاتى» تۈرىدە بارلىق تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆلۈم ۋە تۈرلۈك ساغلاملىق نەتىجىسىگە قارىتا ئۇزۇن مەزگىل زىيارەت ئېلىپ بېرىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، ھەپتىدە لازىنى بىر قېتىم ئاز يەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەپتىدە بىر، ئىككى قېتىم ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %10 تۆۋەن بولغان. بىر ھەپتىدە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ياكى ئالتە كۈندىن يەتتە كۈنگىچە يەيدىغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %14 تۆۋەن بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىم لازا يەيدىغانلارنىڭ ئۆسمە، تۆمۈر كەملىك يۈرەك كېسىلى ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، بۇنىڭدىن لازىنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە بەدەنگە يەنىلا پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

گەرچە لازىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يېيىش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بار. شەنشى ئۆلكىسى خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى لى يەنجىن «شەنشى كەچلىك گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ۋە پەسىلگە قاراپ لازا يېسە بولىدۇ، شىماللىقلار ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە لازىنى ئاز يېيىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، ئاچچىق-چۈچۈك تەمگە قارىغاندا چۈچۈمەل تەملىكى ياخشىراق. ئاچچىق-چۈچۈك تەملىك لازىغا ئاچچىقسۇ قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، چۈچۈمەل تەملىك لازىدىكى كاۋاۋىچىن ئىسسىق بولغاچقا، تېخىمۇ ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئازراق يېيىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە تاتلىق ۋە چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى قوشۇمچە يېيىشكە بولىدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەر ئاچچىقنى باسىدۇ، چۈچۈك يېمەكلىكلەر ئىشقارلىق كاپزائىتسىننى نېيتراللاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىسى ھۆل لازا يېيىش تەكلىپىنى بېرىمىز، چۈنكى ھۆل لازىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، لازىنى پىشۇرۇپ يېگەندە لازا تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى كاپزائىتسىننىڭ ئېغىز بوشلۇقى ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، لازا يېگەندە ئاساسىي يېمەكلىككە كوممىقوناق، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىق يېمەكلىك تالاسى مول بولغان قارا ئاشلىقلارنى تاللاپ يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەي قۇرغاقلىشىشتىن بولىدىغان قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاچچىق لازا يەپ بولغاندىن كېيىن قېتىق ياكى سۈت ئىچىۋەتسە ئاچچىقنى بېسىپ، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ.

ئۇنداقتا زادى قانداق ئادەملەر لازا يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ؟ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» لازا يېسە بولمايدىغان توققۇز خىل كىشىلەر توپىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى، تۆۋەندە بىللە كۆرۈپ ئۆتەيلى:

بىرىنچى، يۈرىكى ياخشى ئەمەسلەر. لازا تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ئايلانما قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىككىنچى، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر. كاپزائىتسىن بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىغان بولغاچقا، بۆرەكنى بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۈچىنچى، ئاشقازان كىسلاتاسى يۇقىرىلار.

تۆتىنچى، قەۋزىيەتلەر. كاپزائىتسىن غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بەشىنچى، ئېغىز يارىسى بارلار.

ئالتىنچى، كۆز كېسەللىكلىرى بىمارلىرى. مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، كۆز قىزىرىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىك بىمارلىرى لازا يېگەندىن كېيىن كۆز قاپىقى ئىششىش، كۆزى قىزىش، ھەتتا كۆز بېسىمى ئارتىپ كېتىشتەك ئالامەتلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

يەتتىنچى، قالقانسىمان بەز كېسىلى بىمارلىرى. قالقانسىمان بەز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يۈرەك رېتىمى ئەسلىدىنلا تېز بولىدۇ، لازا يېگەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ تېزلاپ،كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

سەككىزىنچى، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ناچارلار.

توققۇزىنچى، دورا يەۋاتقان كىشىلەر. لازا دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى يوقىتىپلا قالماستىن، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم
تىيانشان تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-25 / 06:25:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ