ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى 1-قىسىم

ياخشىمۇسىلەر، مەن نۇرمەمەت

ساغلاملىق پروگراممىسىغا خوش كەلدىڭلار

بۈگۈن سىلەر بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش توغرىلىق مەزمونلارنى ھەمبەھىرلىنىمىز. بۇ قېتىمقى لىكسىيەنى،  ئۇزۇن يىلدىن بېرى يۈرەك كېسىلى تەتقىقاتىنى شۇغۇللانغان تەجرىبىلىك ئاكىمىزنىڭ قايتا تەكشۈرۈش توغرىلىشى ۋە قوشۇمچە تەۋسىيەلىرىنى قوشۇپ ئاندىن تارقىتىلدى. ئاكىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

 

بىز ئالدىنقى بىر دەرىسلىكتە، يۈرەك كېسەللىكلىرىنى 8 چوڭ تۈرگە بۆلگەن ئىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دىدۇق. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە  ياشانغان كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان بىر كېسەللىك دەپ بىلىمىز. بەزىدە، پالانچىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ ، ھەم تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقتۇق.  بۇ دەل مۇشۇ تاجىسىمان يۈرەك كېىسلىنىڭ ئىچىدىك خەتەرلىك بىر تۈرى. يەنى يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ جىددىي توسۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم مىنۇت سىكونىت ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، دۇنيا مىقياسىدا بۇ كېسەللىك ئۈستىدە بەكلا كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان، ھەم تۈرلۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى  بارلىققا كەلگەن.

 

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى زادى نىمە؟

ئىنگىلىزچە ئىسمى : coronary artery disease دەپ ئاتايدۇئ يان تەرەپتىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇرۇنقى تەتقىقاتچىلار،  رەسىمدە يۈرەكنىڭ مۇسكۇللىرىغا قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تومۇرلارنى تاجىغا ئوخشاتقان. قان تومۇرلارنىڭ ئىچىدە سېرىق رەڭلىك بولغىنى كۆپىنچە ئەۋاللاردا ماي ماددىسى بولۇپ ئاستا ئاستا يىغىلىپ، تومۇرنىڭ يولى تارىيىپ ئەڭ ئاخىرىدا توسۇلۇپ قالىدۇ. ۋەياكى بەدەننىڭ باشقا بىر يېرىدىن كەلگەن بىر يوغان قان نوكچىسى بۇ يەردىكى تومۇرغا كەپلىشىپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر ئەھۋال، تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قېتى يىرتىلىپ ئايرىلىپ كېتىش ئەھۋالىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.. ئىشقىلىپ مەيلى قايسى خىل شەكىلدە  بولسۇن، يىرتىلسۇن ياكى ئاستا ئاستا يىغىلىپ توسۇلسۇن، ياكى باشقا يەردىكى قان نوكچىسى كېلىپ كەپلەشسۇن ۋە ياكى قان تومۇر ئىلاستىكلىق كۈچى يوقاپ كېرىلەلمەي، قان تومۇرنىڭ ئىچكى يۈزى ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسۇن، ئشقىلىپ بىر سەۋەبتىن شۇ قان تومۇر يۈرەك مۇسكۇلىغا  قان، ئوزۇقلۇق ئوكسىگىن تەمىنلەيدىغان يەتكۈزەلمىسە، شۇ مۇسكۇل بىنورمال ئىشلەيدۇ. ۋەياكى ئىشلىمەيدۇ. بۇ جىددىي بىر ئەھۋال، يەنى يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىگى دەيمىز. بۇنىڭ ئىچىدە مايلارنىڭ ئاستا ئاستا يىغىلىپ، تارىيىپ توسۇلۇش ئەھۋالىنى ئۇيغۇرچە يەن بوتقىسىمان قىتىشىشمۇ دەپ ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن (ئىنگىلىزچە، تۈركچە: ئاتېروسكلېروز دەپ قويىدۇ.)

 

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى كىملەردە بولۇش ئىھتىماللىقى بار؟

بۇ كېسەللىك كۆپىنچە 45 ياش ئۈستىدىكى كىشىلەر، ياشانغانلار كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەرلەردە، ئائىلىدە چوڭلاردا بولۇپ باققانلار بولسا، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى كىشىلەر، زىيادە سېمىز كىشىلەر، تاماكا ، ئەيشى ئىشرەت نى كۆپ قىلىدىغانلار… قاتارلىق كىشلىلەردە بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

بايا دەپ ئۆتكەن تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇرنىڭ يىرتىلىپ ئايرىلىشى زەھەر چەككۈچىلەردە، ياش قىز ئاياللار دائىم ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھورمونلۇق دورىسى ئىشلىتىغانلاردا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئەمما تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ياشلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى بەك ئاز بەك بەك ئاز. بۇ لىكسىيەنى سۆزلىسەك ياشلار دوستلار مەندە بارمىدۇ دەپ كاللىڭىزغا كۆپ كىرگۈزۋالماڭ (ئىلاجسىز كۈلگەن چىراي )

 

 

تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىلرى تۈرلىرى

مىدىتسىنا قانچە تەرەققىي قىلغانسىرى، كېسەللىكلەرگە بولغان ئىنچىكىلىق تەتقىق قىلىش، تۈرلەرگە ئايرىش شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن مۇشۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭمۇ كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىشقا باشلىدى. بىز بۇ يەردە پەقەت 4 چوڭ تۈرىنى دەپ ئۆتىمىز يەنى : تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى. تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى. يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى (يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشى). تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش. بۇنىڭ ئىچىدە بىز جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرىغا ئەڭ مۇھىمى بولۇپ داۋالاشقا تىرىشىدىغىنىمىز ، دەل مۇشۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى. چۈنكى ھايات قۇتۇلدۇرۇش ئاۋۋال ئاللاھ رەھمىتى، ئاندىن سەۋەبىنى قىلىش بىز دوختۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى.

 

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى  تۈرلىرىنىڭ ئالامەتلىرى:

  1. تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى: ئەگەر تاجىسىمان يۈرەك كېسلى ئاستا ئاستا پەيدا بولسا، قان تومۇرمۇ 30%، 50%، 70%، 90% مۇشۇنداق تەرەققىيدە ئاستا ئاستا توسۇلۇشقا باشلىسا، قان يىتىشمەسلىكمۇ ئاستا ئاستا باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىماردا نەچچە كۈندە بىر، ياكى ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا كۆكرەك قىسمىڭىزمۇ رىتىملىق سانجىق شەكىلدە ئاغرىيدۇ.  بىردەم ئاغرىپ ئارام ئالغاندا، ياكى دورا ئىچكەندە بىردەم قويۇپ بېرىدۇ. ئېغىرلاپ كەتمەيدۇ.

 

  1. تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى: بۇ تۇراقلىق يۈرەك سانجىقىنىڭ ئېغىرلاشقان شەكلى دىسەك بولىدۇ. بۇ ھەر بىر قېتىم ئاغرىق قويۇپ بېرىپ تەكرار ئاغرىغاندا ئالدىنقى قېتىمقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ شىددەتلىكرەك ئاغرىيدۇ. ھەم بەزىدە 10-15 مىنۇتتىن ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ. ئارام ئالغاندا دورا ئىچكەندە شۇ زامان قويۇپ بەرمەسلىكى مۇمكىن.  ھەتتا ھەرىكەت قىلمىغان جىم ئولتۇرغاندىمۇ ئاغرىشى مۇمكىن. نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئاغرىق بولىدۇ دىسىڭىز، بۇ دەل شۇ قان تومۇرنىڭ تارىيىپ كەتكەن يولىدىن چوڭراق قان نوكچىلىرى سەل قىستىلىپ تەسرەك ئۆتكەن ۋاقىتتا كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

 

  1. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى (يەنى مەن دەيدىغان تاجىسىمان يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش):

بۇنىڭ ئالامىتى، كۆكرەكنىڭ ئوتتۇرا، سول قىسمى ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ بىر تاش قويۇپ قويغاندەك ھىستىكى ئاغرىش، سول مۈرە ئۇيۇشىدۇ، ئاغرىدۇ، دۈمبىنىڭ سول تەرىپى ئاغرىيدۇ. سول بىلەكتە ئاغرىش ئۇيۇشۇش، سول قولدا بارماقلاردا ئۇيۇشۇش، ئاغرىش، سول ئىڭەك ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. بۇلار بۇ كېسەللىكنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى. ئەمدى تىپىك بولمىغان ئالامەتلىرى بولسا، ئاشقازان قىسمى ئاغرىش، كۆكرەكنىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىش، بەل قىسمى ئاغرىش قاتارلىقلار. بۇلار تىپىك بولمىغان، ئاز كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى.

 

جىددىي يۈرەك قان تومۇر توسىلىش كۆرۈلگەندە، بۇ ئالامەتلەر بىر قانچە سائەت، بىر قانچە كۈن داۋام قىلىشىى مۇمكىن. يەنى بۇ ئاغرىقلار ھىچ بولمىسا 20 مىنۇتتىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ۋاقىتتا كۆرۈلۈشى ناتايىن. بەزىدە پەقەت بىرلا ئالامىتى ياكى بەزىدە بىر قانچە ئالامەتلەر بىللە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھەم بەزىدە بىرمۇ ئالامەت كۆرۈلمسلىكى مۇمكىن. ياكى كۆرۈلگەن تەغدىردىمۇ ھىس قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللىق دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى، بەدەندە ئېغىر كېسەللىكلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ تېرە نېرۋىلىرىنىڭ سىزىمچانلىقى تۆۋەنلىگەن سەۋەبىدىن ھىس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 

  1. تۇيۇقسىز ئۆلۈم: بەلكىم بۇ سىزگە بىراز قىزىقارلىق تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئۆلگەن كىشىلەردە ئالامەت بولامدۇ؟ بولىدۇ. بىزگە مۇھىم بولغىنى شۇ رەھمەتلىك كىشىنىڭ تۈگەپ كەتكەن ئالدىدىكى ئالامەتلىرى مۇھىم. بىر كىشى بولۇپمۇ ياشانغان بىر كىشى تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىپ قالسا، مەسىلەن ئاشخانىدا، تېلىفون پاراڭلاشقاندا، قاتتىق ئاچچىقلانغاندا، تەنھەرىكەت قىلىۋاتقانداق، مەيدىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يىقىلىپ تۈگەپ قالسا، 70% يۈرەك كېسلىى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. يەنى تاجىسىمان يۈرەك كېسلى ئىچىدىكى جىددىي قان تومۇر توسۇلۇپ، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئېنىقلاشتىكى سەۋەب، كېيىن بۇ كىشىنىڭ پەرزەنتلىرى چوڭ بولغاندا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇش ئىھتىماللىقى بولۇش بولماسلىقىنى تەخمىن قىلىش ئۈچۈن.

 

بۇ يەردە ياشلار ئۈچۈن قوشۇپ قويىدىغىنىم، ياشلاردا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولامدۇ؟

ياشلاردا ماي ماددىسى يۇقىرىلاش سەۋەبىدىن ئاستا ئاستا پەيدا بولغان تاجىسىمان يۈرەك كېسلىنى مەن كۆۈپ باقمىدىم.

 

ياشلاردا كۆپرەك،  يۈرەكنىڭ شەكلى ياكى تاجىسىمان قان تومۇرىدا تۇغما غەيرىلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسەللىكلىرى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بەزىلىرى يۈرەكتە سانجىق پەيدا قىلىدۇ، ھەم بەزىدە ھاياتقا تەھتىد سالىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، بەزى ياشلارنىڭ يۈرىكىدىكى تاجىسىمان قان تومۇرى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئوخشىمىغانراق بىر يەرگە جايلىشىدۇ. بۇ خىل ياشلاردا، دائىم تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى ئالامىتى بولىدۇ يۇ، تەكشۈرۈشلەردە يەنى ئې كا گدە (EKG نى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز ھە…) ، قان تەكشۈرۈشلەردە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نورمال بولغاچقا، بەزىدە سەل قارىلىپ دىئاگنوز قويۇلالماي قالىدۇ.

 

بالىلاردا ياشلاردا يەنە تاكاياسۇ، كاۋاساكى دىگەن ياپونچە ئىسىم قويۇلغان يۈرەك كېسەللىكلىرىمۇ بار.

 

بەدىنىدە ئۆسمە راك بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسمە، يۈرەككە تارقاپ كەتكەندە، بۇ ئۆسمىلەر يۈرەك قېپىنىڭ سىرتىغا يۆتكىلىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىغا بېسىۋېلىپ توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇمۇ يۈرەك تىقىلمىسى ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 

ئاخىرىدا بىرسى، يېقىنقى زامانلاردا، يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى مۇنداق بىر گۇرۇپ كىشىلەر تارتماقتا.. ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا ياش ئاياللاردا ئادەت كېسىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە، بېسىم، تەشۋىش، روھىي ھارغىنلىق سەۋەبلىك، يۈرەكنىڭ تاجىسىمان قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر بولمىسىمۇ ، بولغان تەغدىردىمۇ ناھايىتى يېنىك بولسىمۇ، ئەمما قان تومۇرلاردا، ئالامەت پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە تەرتىپسىز قىسىلىشىدەك بىر ئەھۋال باركەن. بۇنى تاكوتسۇبو يىغىندى ئالامىتى مۇ دەپ قويىدىكەن. ئەۋالدىن قارىغاندا، بۇنىمۇ ياپونلۇق تەتقىقاتچىلار ئىزدىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئوخشايدۇ. ياپونىيەنىڭ كۆپ جەھەتلىرى ھەقىقەتەن ئىلغار جۇمۇ. ئەينى ۋاقىتتا بەزى سەۋەبلەردىن بىز ياپونغا بارالماي قالغان.

 

ھازىرچە كاللىڭىزغا كىرگۈزۋالماڭ. بىرىنجىدىن بۇلار ھەممىسى ئىھتىماللىقى بولغان كېسەللىكلەر، چوقۇم بولىدۇ دىگەن مەنىدە ئەمەس. ئىككىنجىدىن، بىز ھەرگىزمۇ ھەممىسىنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ دىگەن مەقسەتتە ئەمەس. چۈنكى بەزى مەزمونلارنى، ھەتتا مۇشۇ دوختۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەممىسىنى بىلىپ بولالمايدۇ، ياكى ئەستە تۇتۇپ بولالمايدۇ. (ئەلۋەتتە سەنمۇ مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە، شۇ)  بىز بۇ مەزمونلارنى سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىشىمىزدىكى مەقسەت، ھازىرقى غەرىپ مىدىتسىنادىكى كۆپ ئىشلىتىۋاتقان، كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان، تەتقىق قىلىپ چىققان نەتىجىلىرىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بىر ئاڭلاپ قويۇشىنى، مۇشۇ سەۋەبلىك تىببىي مېدىتسىناغا قىززىققۇچىلار بولسا، تىرىشىپ بېقىشنى ياكى بالىلارنى مۇشۇ ساھەگە ئىنتىلدۈرۈشنى ئاستا ئاستا باشلاشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەن نۇر دوختۇر———-

 

بۈگۈنكى تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىلكىرىگە ئالاقىلار لىكسىيەمىزنڭ 1 قىسمى مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ. كىلەركى قېتىمدا، دىئاگنوز قويۇش ، داۋالاش ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختىلىمىز. ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، مەزموننى رەتلەپ بەرگەن ئاكىمىزغىمۇ كۆپتىن كۆپ ەھمەت. كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
163FollowersFollow
1,600SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img