ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىزەھەرنىڭ يۆلۈنىۋېلىشچانلىقىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىمەسلىك قانداق ئەھۋال؟

زەھەرنىڭ يۆلۈنىۋېلىشچانلىقىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىمەسلىك قانداق ئەھۋال؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

” زەھەر خۇمارى ” ناھايىتى تەستە تاشلىغىلى بولىدىغان بىر خىل دورىغا يۆلۈنىۋېلىشچانلىققا ئىگە نەرسە بولۇپ ، ئۇ ئادەتتىكى تاماكا خۇمارى ، ھاراق خۇمارىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ، خۇددى زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە ئېقىپ يۈرگەن سۆزلەردە تەسۋىرلەنگەنگە ئوخشاش : ” بىرىن

ۋېي شيۇجيې ، ئايال ، 26 ياش ، مەلۇم داڭلىق تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن ، بىر دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىنغان . ئۇ تىرشىچان ، ئەقىللىق قىز بولۇپ كەسىپىنى قەدىرلەش روھى كۈچلۈك ئىدى . ئۇ نۇرغۇن زەھەرنى تاشلىغۇچىلارنىڭ زەھەرنى بىر-بىرلەپ قايتا چەككەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئىچى تىتىلداپ كېتىدۇ-دە ، قەيسەر ئىرادە بولسىلا ، زەھەرگە يۆلۈنىۋېلىشنى چوقۇم يەڭگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرگە زەھەر تاشلاشقا كەلگەنلەرگە ئۈلگە كۆرسۈتۈپ بېرىش ئۈچۈن ، تەجرىبە قىلىش خاراكتېرلىك خېروئىن چېكىدۇ ، ئىش ئۇنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىقىپ ، بىر قېتىم سىناق قىلىپ چېكىشى بىلەنلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ ، كېيىن ھەر قانچە قىلىپمۇ تاشلىيالمايدۇ . ئاخىرى ئەر-خوتۇن نىكاھتىن ئاجرىشىپ ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ ، ئائىلە مال-مۈلكىنى چېكىپ تۇگىتىدۇ ، زەھەر خىراجىتىنى غەملەش ئۈچۈن ، ئامال قىلالماي ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى سېتىشقا باشلايدۇ .

بۇ دېلو مىسالىدا ئەھۋال بىر ئاز ئاشۇرىۋېتىلگەن بولسىمۇ ، بىراق بۇ خىل ئۆزىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئىشىنىپ كېتىش تۈپەيلىدىن زەھەر پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ . زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىرنىچى قېتىم چېكىشتىن بۇرۇن ، زەھەرنىڭ ئادەمگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا ، كۈچلۈك ئىرادىسىگە ئىشىنىپ كېتىپ ، خۇمار بولۇپ قالساممۇ چوقۇم تاشلىيالايمەن دەپ قارايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن زەھەرنى ئۆز بەدىنىدە سىناق قىلىشقا باشلايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە بەزىلەر ئائىلىدىكىلەرنىڭ زەھەر چىكىپ تاشلىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا ئۈلگە كۆرسۈتۈپ بېرىش نىيتىدە چېكىدۇ . نەتىجىدە ئۆزىمۇ بۇ پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:21:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ