ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز قانداق يوللاردىن يۇقىدۇ؟

ئەيدىز قانداق يوللاردىن يۇقىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل بولىدۇ

ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك يوللاردىن يۇقىدۇ:

1.قاندىن يۇقىدۇ

ئوكۇل-شپېرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن
ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن

2. جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ

قوغدىنىشسىز(گاندوك ئىشلىتىلمىگەن)جىنسى مۇناسىۋەتتىن

3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ

يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

يۇقارقىلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەندە:

قاندىن يۇقۇش

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۇكۇل يىڭنىسى ياكى شپېرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىشتىن يۇقىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئوكۇل ئارقىلىق زەھەر چەككەندىن كېيىن يىڭنە ۋە ئىشپېرىسلاردا ئاز مىقداردا قان تۇرۇپ قالىدۇ.

ئەگەر باشقا بىرەيلەن مۇشۇ يىڭنە ياكى ئىشپىرىسنى يەنە ئىشلەتسە، قان قالدۇقلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاستىلا ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ-دە، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەتكەن قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەغدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل- ئەسۋاپلارنىڭ تازلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەغدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش- كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.

جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش

ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە قوغدىنىشسىز

جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ.

جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا، جىنسى ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچىرايدۇ-دة، سپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسى ئەزا سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىۋىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇشۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەقئەت ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسى يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسى يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.

ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسى كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسى كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسى ئەزاسىدا جاراھەتلەر بولغاچقا، ئاسانلايېرىلىپ كېتىدۇ-دة، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسى كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسى كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋىپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.

ئانىدىن بالىغا يوقۇش

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى%13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسى كېسىلى بار-يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كېسلاتاسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنى ئەمدۇرگەندە ئانا سۈتىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇپ18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بىراق بوۋاق ھەقىقى يۇقۇملانغان بولسا كېسەلچان بولىدۇ ھەم سالامەتلىكىمۇ ناچار بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:39:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ