قان ئازلىقنىڭ بەزى ئالامەتلىرى رەسىملىك كۆرۈنۈشى
1. باش قېيىش:قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىش ياكى ھېموگلوبىن مىقدارى تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن، چوڭ مېڭە يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ.
2. قول مۇزلاش:قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، قولنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتىشمەي، سوغۇق ھېس قىلىدۇ.
3. كۆكرەك ئاغرىش:قان ئازلىق يۈرەكنىڭ تېز سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلىشى مۇمكىن، بۇ كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش ياكى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. ئۇيقۇسىزلىق:چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. يۈرەك رىتىمسىزلىقى:يۈرەك تېخىمۇ تېز سوقۇش ئارقىلىق بەدەننىڭ يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، لېكىن بۇ يۈرەك سوقۇشىنىڭ قانۇنىيەتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
6. پاقالچاق تارتىشىش:بەزى مىنېرال ماددىلار ( مەسىلەن، كالتسىي، كالىي ياكى ماگنىي ) كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ مىنېرال ماددىلار نورمال مۇسكۇل ئىقتىدارىنى ساقلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
7. چارچاش:بەدەن توقۇلمىلىرى يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، داۋاملىق چارچاش ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.
8. باش ئاغرىش:چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز ياكى سىز تونۇيدىغان كىشىلەردە يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قان ئازلىقنىڭ بەزى ئالامەتلىرى
some symptoms of anemia
باش قېيىش
dizziness
قول مۇزلاش
cold hand
كۆكرەك ئاغرىش
chest pain
ئۇيقۇسىزلىق
insomnia
يۈرەك رېتىمسىز سوقۇش
irregular heartbeat
پاچاق تارتىشىش
leg cramps
ھارغىنلىق
fatigue
باش ئاغرىش
headache