ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىقان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار خۇددى تاشيوللارغا ئوخشاش تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تۇتىشىدۇ. ئەگەر قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا بەك خەتەرلىك، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. ئەگەر مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇپ قالسا، ئاسانلا مېڭە تىقىلمىسى كېلىپ چىقىدۇ؛

2. ئەگەر يۈرەك قان تومۇرى توسۇلۇپ قالسا، ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كېلىپ چىقىدۇ.

3. ئەگەر بۆرەك قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئەگەر تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى قېتىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

بىر ئوبدان قان ئېقىۋاتقان تومۇرلار نېمىشقا توسۇلۇپ قالىدۇ؟

1. مايلىق، گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش

مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە گۆشنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەن كۆپ مىقداردا ماي قوبۇل قىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلاردىن باشقا، ئېشىپ قالغان ياغ ماددىلىرى قان تومۇرلاردا يىغىلىپ قېلىپ، قان تومۇر توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تاماكا چېكىش

3. تۇزلۇق ۋە شېكەر تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر

تۇزلۇق ۋە شېكەر تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر قاننى ھەم قويۇق، ھەم يېپىشقاق قىلىپ قويىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قان تومۇر دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنى قورۇيدۇ.

4. تۈنەش

تۈنىگەندە ئادەم بەدىنى ئۈزلۈكسىز ئادرېنالىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئادرېنالىن قان تومۇرلارنىڭ بىنورمال قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، قان تومۇرىدىكى بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ.

5. ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولۇش

ھەرىكەت ئاز بولسا بەدەندىكى ئارتۇق ماي، خولېستېرول قاتارلىق تەركىبلەر سىرتقا چىقىپ كېتەلمەي قانغا يىغىلىپ، قان قويۇقلىشىپ كېتىدۇ.

 

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش

بەك تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، تۇزنى ئامال بار ئاز ئىستېمال قىلىش، كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارى ئالتە گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، بەك تاتلىق، ماي تەركىبى بەك يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ھاراق-تاماكىنى تاشلاش كېرەك. نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەندە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش

ئەڭ ياخشىسى كۈندە يەتتە-سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياخشى ئۇيقۇ روھنى كۆتۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

ھەرىكەتنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەممىمىزگە ئايان. شۇڭا ھەممىمىز ئۆز ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھەرىكەتنى تاللىساق بولىدۇ. مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلسىپىت مىنىش قاتارلىقلار. بۇ ھەرىكەتلەر ھەپتىدە ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق.

4. مۇۋاپىق ۋە ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش

سېمىزلىك نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل. مەسىلەن، دائىم دېيىلىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىش، دىيابىت قاتارلىقلار سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەللىكلەر يەنە قان تومۇرلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.

ئاخىرىدا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئاتالمىش قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرىدىغان، زەھەر ھەيدەپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى قان تومۇرىمىزدا ھېچقانداق ئەخلەت ۋە زەھەر يوق. قان توسۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق، شۇڭا مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17960977.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-15 / 08:39:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ