پېنىتسىللىن
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
چىڭمىيسۇ, چىڭ مىي سۇ, پىنىسسىلىن, پىنىسىلىن
Penicillin
青霉素
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
盤尼西林
Penisilin
بەزى كىشىلەر چىڭ مىي سۇ دەپمۇ ئاتايدۇ.
پېنىتسىل زەمبۇرۇغىدىن پىششىقلاپ ئېلىنغان ئانتىبىئوتىك دورا.
باكتېرىيەنىڭ ھۈجەيرە دىۋارىنى بۇزۇپ تاشلاش ئارقىلىق باكتېرىينىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
بۇ دورىسىنى 1928 يىلى ، تەتقىقاتچى ئالىكساندىر.فلەمىڭ Alexander Fleming ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا تاساددىپىي ئەھۋالدا پېنىتسىللىئۇم زەمبۇرۇغىنىڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقاپ قالغان. 1938يىلى ئوكسفوردتىكى باشقا بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى پېنىتسىللىن ماددىسىنى ئايرىپ چىقارغان. ئالىكساندىر فلەمىڭ ۋە بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىللە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.