ئىچكى كېسەل دوختۇرى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى
Internal Medicine physician
内科医生
dahiliye doktoru
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
İç hastalıkları hekimi
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئەڭ قەدىمىي بۆلۈملەردىن بىرسى ھېساپلىنىدۇ. مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، داۋالاش تېخىمۇ كۆپ كەسپىي تۈرلەرگە (مەسىلەن: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمى…..) ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئوپىراتسىيە كېرەك بولمىغان بارلىق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈم ئىدى.
گەرچە ھازىر ناھايىتى كۆپ كەسپىلەشكەن بۆلۈملەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ھېلىھەم ھەربىر دوختۇرخانىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر غوللۇق بۆلۈمى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ھەربىر ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى چوقۇملا تاپالايسىز.
بۇ بۆلۈمدە ئىشلىگەن دوختۇرلارنى ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى، ئىچكى كىسەل دوختۇرى دەپ ئاتايدۇ.
تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز: