بۇ خىل تۇتقاق تۇتۇش يۈز بەرگەندە، بىمار 5-15 سىكونتقىچە ئەتراپقا بولغان دېققىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا، بىمار جىممىدە بوشلۇققا قاراپ تۇرۇپ ھاڭۋىقىپ قالىدۇ . بىمارنىڭ كۆزى قۇيرۇقى ۋەيا ئاغزى بىلەر بىلمەس تىترەيدۇ، بەدەندە باشقا چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىدىكى خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ تۈردىكى تۇتقاقلىقنى بايقاش ناھايىتى تەس. بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ۋاقتىدا بايقالمايدۇ. بۇ بالىلار مەكتەپتىكى ئوقۇش ئىپادىسى سەل ناچار، ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەنراق بولىدۇ.
بۇ ئەھۋالنى ئىلگىرى كىچىك قوزغىلىش ياكى يوشۇرۇن قوزغىلىش مۇ دەپ ئاتىغان.
petit mal
癫痫小发作
petit mal