* قان بېسىم تۆۋەن بولۇشتىن باش قايسا چىكە ۋە پۇت–قوللارنى رەۋغېنى ئازاراقى ، رەۋغېنى بەيزە ، رەۋغېنى قۇستە بىلەن ياغلاپ بەرگەندىن سىرت ، مەجۈنىدىن ئازراق يېيىش كېرەك .
* قان ئازلىق ياكى بەدەن ئاجىزلىقتىن باش قايسا نۆش دورا ، داۋا ئىلىمىشكى مۆتىدىل ، مائۇل لەھمى ، شەربىتى روممان يېيىش كېرەك .
* قان ئازلىق ، بەدەن ئاجىزلىق ئالامىتى سەۋەبلىك باش قايسا بادام ھالۋىسى يېگەندىن سىرت ، قاپاق ، تاۋۇز مېغىزى ھەم كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك .
* ئاشقازان ئاجىزلىق ۋە بۇخاراتلار سەۋەبىدىن باش قايسا تاماقتىن كېيىن گۈلقەنت ، جاۋارىش ئامىلە ، ھەبىبى ئىسەمغىقۇن يېيىش كېرەك .
* قاتناش ۋاستىلىرىدە ئولتۇرغاندا باش قايسا سۇپۈپغا ناۋات قوشۇپ تاماقتىن كېيىن ئىچسە ئۈنۈمى تېز بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يالپۇزنى سوقۇپ سىقىپ سۈيىنى باراۋەر مىقداردىكى گولاپ ياكى ئانار شەربىتى ياكى ئازراق ئاچچىقسۇ بىلەن ئىچسىمۇ بولىدۇ .
* باشقا سەۋەبلەردىن باش قايسا ھېلىلە مۇرابباسى ، مۈجۈنى ئىستىرپىل سەغىريىسىمۇ بولىدۇ .