كۆپلىگەن كىشىنىڭ تىرنىقىدا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئاق داغ بولىدۇ، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ بۇ بىر خىل نورمال ھادىسە
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوۋاقلارنىڭ تىرنىقىدىكى ئاق داغ قۇرامىغايەتكەنلەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كەتمەيدىكەن.
قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ ياكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالامىتىنى، بوۋاقلارنىڭ بولسا تال، ئاشقازاندا مەسىلە بارلىقى، ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.
بۇنداق ئەھۋالدا بالىنىڭ يېقىن مەزگىلدىكى يېمەك – ئىچمەك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىشتىھانى ئاچىدىغان ئالما، دولانا قاتارلىق مېۋىلەرنى يېگۈزۈش، شۇنداقلا ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان دورىلارنى بېرىش كېرەك.
ئوزۇقلىنىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ياكى سىنك، كالتىسىي قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن بوۋاقنىڭ تىرنىقىدا ئاق داغ پەيدا بولىدۇ.
بوۋاقتا سازاڭسىمان مەددە قاتارلىق پارازىت قۇرتلار بولسا، بوۋاقنىڭ تىرنىقىدا ئاغ داغ پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭدا يېقىن مەزگىلدە بوۋاقنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىغان–ئاغرىمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.