(تۈركىيە سەھىيە خەۋەرلىرى) بۈگۈن 109.نۆۋەتلىك دۆلەت خىزمىتى مەجبۇرىيىتى ئۈچۈن بوش ئورۇنلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.
دۆلەت خىزمىتى مەجبۇرىيىتى ( تۈركچە: devlet hizmeti yükümlülüğü DHY) ، تۈركىيەدە يېڭى دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى ياكى ۋراچلىقنى پۈتتۈرگەن تۈرك گىراژدان دوختۇرلار مەجبۇرى شەكىلدە قاتنىشىشى شەرت بولغان، تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر سەھىيە ئورنىغا بېرىپ 300 كۈندىن 600 كۈنگىچە مەجبۇرى خىزمەت ئىشلىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ئورۇن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايوندىكى دۆلەت دوختۇرخانىسى، سەھىيە مىنىستىرلىكى، 112 جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرى، 112 جىددىي قۇتقۇزۇش باش مەركىزى … قاتارلىقلار ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەجبۇرى خىزمەت ئېلانى ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەجبۇرى خىزمەتكە قاتناشماي تۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ باشقا يەرلىرىدە ئۆز خائىشى بىلەن ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.
مەجبۇرى خىزمەتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى شۇ رايوننىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى، نوپۇس سانىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرى تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى ۋە نوپۇس سانىغا ئاساسەن 6 رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-دەرىجىلىك رايون ئىستانبۇل، ئەنقەرەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان ، نوپۇسى كۆپ يەرلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ يەرلەردە دوختۇرلارنىڭ مەجبۇرى خىزمىتى 600 كۈن بولىدۇ. دىيارباكىرغا ئوخشاش رايونلار 6-دەرىجىگە تەۋە بولۇپ، مەجبۇرى خىزمەت ۋاقتى 300 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
مەجبۇرى خىزمەت تاللاش، بېكىتىش، ئەۋەتىش ئىشلىرى DHY ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەربىر دوختۇر ئۆزى ئۈمىد قىلغان 10 يەرنى ئالدىن بېكىتەلەيدۇ. ئەمما ئۆزى بېكىتكەن بۇ 10 يەرگە بېرىش بارماسلىقنى پۈتۈن دوختۇرلار بىرلىكتە چەك تاللاش ئارقىلىق قارار چىقىرىلىدۇ. مەسىلەن ئىستانبۇل سىلىۋرى دۆلەت دوختۇرخانىسىدا 1 بوش يەرگە دوختۇر مەجبۇرى خىزمەت ئۈچۈن كېلىشى كېرەك، ئەمما بۇ ئورۇنغا 5 دوختۇر كېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئارزۇ شەكىلدە بېكىتتى، نەتىجىدە چەك تاللاش ئارقىلىق مۇشۇ 5 دوختۇرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى تاللىنىپ بارىدۇ. قالغان 4 دوختۇر باشقا ئارزۇسى بىلەن تولدۇرغان يەرلەرگە چەك تاللاشقا قاتنىشىدۇ.
ھەر قېتىم مەجبۇرى خىزمەتكە قاتناشقان دوختۇرلارنىڭ سانى ئوخشىمايدىغان بولۇپ 109 قېتىملىق دۆلەت مەجبۇرى خىزمەت سايلىمىغا 750 گە يېقىن بىرىنجى سەپ دوختۇر ۋە 1400 گە يېقىن ۋىراچ دوختۇر..قاتناشتۇرۇلغان.