2024 – يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى : گېننى تەڭشەش – تىزگىنلەش ساھەسىدىكى زور بۆسۈش
تەبىئىي پەن تەتقىقاتى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:
2024 – يىلى 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ، شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي فاكۇلتىتى نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى ۋىكتور ئامبروس ( Victor Ambros ) بىلەن گەرىي رۇۋكۇن ( Gary Ruvkun ) غا بېرىپ ،ئۇلارنىڭ گېن تەڭشەش – تىزگىنلەش ساھەسىدىكى مۇھىم بايقىشى microRNA ( كىچىك RNA ) نى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بايقاش گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىپ، بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.

زور بۆسۈش : microRNA بايقىشى
ۋىكتور ئامبروس ( Victor Ambros ) بىلەن گەرىي رۇۋكۇن ( Gary Ruvkun ) نىڭ تەتقىقاتى يوشۇرۇن دەستىلىك يىپچە قۇرت ( Caenorhabditis elegans ) تەجرىبىسىدىن باشلانغان بولۇپ ،ئۇلار lin – 4 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گېننى بايقىغان ھەمدە ئۇ بىر خىل كودلاشتۇرۇلمىغان مىكرو RNA ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر گېن lin – 14 نىڭ ئىپادىلىنىشىنى تىزگىنلىگەن. بۇ خىل RNA خەۋەرچى RNA ( messenger RNA، mRNA ) غا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاقسىلنىڭ تەرجىمىسىنى توسۇپ، گېننى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
بۇ تەتقىقات گېن ئىپادىلەنگەندىن كېيىنكى تەڭشەش – تىزگىنلەش ( post-transcriptional regulation ) ساھەسىنى پۈتۈنلەي يېڭى چۈشەنچە ۋە تەتقىقات يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە راك كېسىلى، ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى ۋە غول ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى قاتارلىق ساھەلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. microRNA تەڭشەش – تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ بايقىلىشى كېسەلنى داۋالاش ۋە گېننى تەڭشەش – تىزگىنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇھىم قورالغا ئايلىنىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
مىكرو RNA مېدىتسىنادا قوللىنىلىشى
ۋىكتور ئامبروس ( Victor Ambros ) بىلەن گەرىي رۇۋكۇن ( Gary Ruvkun ) نىڭ بايقىشى گېن ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ئۆزئارا تەسىرنى چۈشىنىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە نىشانلىق تېببىي ئىلىم ۋە مولېكۇلا ئارقىلىق داۋالاشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. microRNA نىڭ بىنورمال ئىپادىلىشىنىڭ كۆپ خىل كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىشى ، راك كېسىلى ،يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەلگۈسىدە بۇ تەتقىقات نەتىجىسى تېخىمۇ كۆپ RNA داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
بۇ بايقاش تىببىي ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدىكى گېنلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزئارا «سۆھبەتلىشىشى» گە بولغان تونۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى تېببىي تەتقىقاتلارغا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەنبە: تەبىئىي پەن تەتقىقاتى خەۋىرى


