تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، سىزدىن بىر ئىشتىن مەسلىھەت ئېلىپ باقاي دىگەن ئىدىم.
مەن تۈركىيە ساكارىيە شەھىرىدە تۇرىمەن. ئۆزۈم تۇرغان يەردە ئائىلە ھەكىمىگە تىزىملاتقان ئىدىم. ئەگەر شۇ دوختۇر بار مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) غا چىقىپ قان تەكشۈرۈش قىلسام نەتىجىسى قاچان چىقىدۇ؟ يەنە بىر بۇ تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى قانچلىك بولىدۇ؟
مۇشۇ جەھەتتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت.

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز، سالامەت تۇرۇپسىز.
تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرى (ساغلىق ئوچىغى) دە ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈشلەر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نەتىجىسى ئەتىسى كۈنى چۈشتىن كېيىن چىقىدۇ. نورمالدا قان ئالغان ۋاقىتتا، سىستېرالاردىن نەتىجىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى سورىۋالسىڭىز بولىدۇ.
توغرىلىق دەرىجىسى ئادەتتە 95-99% دىسەك بولىدۇ. ناھايىتى ئاز ۋاقىتلاردا خاتا نەتىجە چىقىدۇ. ئەگەر نەتىجىلىرىڭىزگە شۈبھى تۇغۇلسا، دوختۇرىڭىزدىن قايتا سوراپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى ۋىدىئودا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەردىم. ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. سالامەت بولۇڭ.