كۆپ تەرلەش بۇ ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە سوزۇلما كېسەللىك، بەەدەن ئاجىزلىق، قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمىغان ياكى ھاۋا ئىسسىق بولمىسىمۇ ئورۇنسىز ھالدا بەدەننىڭ ئالىقان، تاپان، پېشانە، قولتۇق قاتارلىق جايلار ئادەتتىكىدىن زىيادە تەرلەيدىغان، بەدەن ئاجىزلايدىغان، كىچىك تەرەت قېتىمى كۆپ بولىدىغان، بەزىدە بەدەندە جاراھەت پەيدا بولىدىغان ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تېرە كېسىلى.
رېتسىپ:
شاپتۇل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، پۇت-قول ئالىقانلىرى تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ
ئاق تۇرۇپ قايناتقان سۇدا پۇت يۇيۇلسا پۇت تەرلەشتىن قالىدۇ
ياز كۈنلىرى قۇمساڭغۇ توپىدا يالاڭئاياغ يول يۈرۈپ بەرسە پۇت تەرلەشنى يوقاتقىلى بولىدۇ
قۇمغا كۆمۈلۈش ئارقىلىقمۇ پۇت-قول تەرلەشنى ساقايتقىلى بولىدۇ
قىزىلگۈلنىڭ قۇرۇتۇلغان چېچىكىنى ئۇندەك سوقۇپ بەدەنگە سۈرتۈپ بەرسە قول ۋە پۇتنىڭ كۆپ تەرلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ
گۈلقەنتنى بىر مەزگىل ئۈزۈلدۈرمەي ئىستېمال قىلسا بەدەن قۇۋۋەتلىنىپ پۇت-قولنىڭ زىيادە كۆپ تەرلەشنى تۈگىتىدۇ
تۇرۇپ ياكى تۇرۇپ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈيىدە پۇتىنى يۇيۇپ بەرسە، پۇت تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ
پىدىگەن پوستىنى پۇتنىڭ قۇرغاقلىقىدىن يېرىلىپ كەتكەن ئورنىغا چاپلاپ قويسا يېرىلغان ئورۇننى ساقايتىدۇ. ئۇنى يەنە پۇتنىڭ پىچىلىپ كەتكەن ئورنىغا چاپلاپ قويسىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ
تەرخەمەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنى بىر كىچىكرەك كوزىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قار سۈيىدىن تەرخەمەك چىلاشقۇدەك قۇيۇپ ئاندىن يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش گىرام زەمچە سېلىپ، كوزىنىڭ ئاغزى ئەتىياز پەسلى كېلىپ چوكانتال بولغۇچە دۈملەپ قويۇلىدۇ. ياز كۈنلىرى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇلدا دۈملەنگەن تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پۇت تەرلەش، پۇت يېرىلىش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
«ئائىلىدىكى رېتسېپلار»دىن ئېلىندى