كالا سۈتى بىلەن باققان بوۋاقلارنىڭ ئىچىنىڭ قىتىۋېلىشى ، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك . كالا سۈتىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ ، ئاسان ئۇيۇشۇېلىپ ھەزىم بولمايدۇ . شۇڭا ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ، كۆپ مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ .
كالا سۈتىدە مېنىرال ماددىلار كۆپ بولۇپ ، كالىينىڭ مىقدارى ئادەم سۈتىنىڭ تەركىبىدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ . شۇڭا كالا سۈتى ئېمىدىغان بوۋاقلارنىڭ قېنىدا كالىي مىقدارى يۇقىرى . بۆرەك ئاقسىللىق ماددىنى ئالماشتۇرۇپ كالىينى ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆپ مىقداردىكى سۇنىمۇ چىقىرىدۇ. شۇڭا كالا سۈتىدىكى كالتىسي ، فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بېرىكىپ ئاسانلا قېتىۋالىدۇ–دە چوڭ تەرەتنى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ . بوۋاقلارنىڭ ئىچى قېتىۋالغاندا كالا سۈتىگە گۈرۈچ گۈرۈچ شورپىسى قوشۇپ بەرسە تەرەتنى يۇمشىتىدۇ . %5 لىك ھەسەل سۈيىنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش ياكى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىچكۈزسە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ .
ئىككى ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلارغا كۆكتات شورپىسى ، يېڭى ئاپلېسىن شىرنىسى ياكى باشقا مېۋە شىرنىلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىش كېرەك . ماش سۈيى ، ئالما سۈيى ، بانان سۈيى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە نول ۋېتامىن بولغاچقا بۇلارنى بوۋاقلارغا بەرگەندە ئۈچەي ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىچى قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
ئەگەر يۇقىرىقى ئاماللار كار قىلمىسا ، يۈز سوپۇنىنى زەيتۇن شەكلىدە كېسىپ ، مەقئەت ئېغىزىغا قويسا تەرەت راۋانلىشىدۇ .