تورداشدىن سوئال

ھېچ ۋاكسىنە ئۇرغۇزۇپ باقمىغان بالىلارغا قىزىل، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى بىراقلا ئۇرغۇزالامدۇق؟ 9ياش 5ياش 1ياش ئۈچۈن

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
تىزىملىتىغلىق ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن بالىلارغا ۋاكسىنا تولۇقلاپ ئەملەش پروگراممىسى توغرىسىدا كۆرۈشۈپ باقسىڭىز بولىدۇ . دوختۇرىڭىز ئۇيغۇن كۆرسە پروگرامما چىقىرىپ بېرىدۇ ۋە شۇ پروگراممىدا بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا بېرىپ بۇ ۋاكسىنىلارنى ئەملىسىڭىز بولىدۇ. قىزىل ۋاكسىنىسى ۋە سۇ چېچىكى ۋاقسىنىسى بىر ۋاقىتتا ئەملىنىدۇ.
قىزىل، سۇ چېچىكى توغرىلىق تەپسىلىي ۋىدىئو:
ۋاكسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئولارنى قانىلىمىزدىن تاپالايسىز.