ئانا سەھىپەرەسىملەرX-ray, CT, MRI ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر7 ياش ئوغۇل بىمار چوڭ ئۈچەي توسۇلۇش رېنتىگېن كۆرۈنۈشى

7 ياش ئوغۇل بىمار چوڭ ئۈچەي توسۇلۇش رېنتىگېن كۆرۈنۈشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇغۇلۇپ 1 كۈندىن كېيىن ئۈچەي ئوپىراتسىيە قىلىنغان، ھازىر 7 ياشقا كىرگەن ئوغۇل بىمار، 3 كۈننىڭ ياقى قورساق ئاغرىقى، قۇسۇش، 1كۈننىڭ ياقى چوڭ تەرەت قىلالماسلىق، يەل چىقىرالماسلىق سەۋەبىدىن بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلگەن. قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال چىققان. تارتىلغان رېنتىگېندە چوڭ ئۈچەي قىسمىدا، گاز – سۇيۇقلۇق سەۋىيىسى كۆرۈنۈشى بارلىقى بايقالغان. بىمار بالىغا 3 قېتىم مەقئەتتىن سوربىتول (قەۋزىيەتكە بېرىلىدىغان دورا) بېرىلگەن، ئەمما چوڭ تەرەت ياكى يەل چىقىشى بولمىغان. بىمارغا ئۈچەي توسۇلۇش دىئاگنوزى بىلەن بالىلار تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بالىنىستىغا قوبۇل قىلىندى.

تۆۋەندە 3 پارچە رېنتىگېن رەسىمى بېرىلگەن بولۇپ، 1. رەسىمدىن كېيىن 2 قېتىم سوربىتول مەقئەت دورىسى بېرىلگەن بولسىمۇ چوڭ تەرەت ياكى يەل چىقمىغان. 2.پارچە رېنتىگېن فىلىمىدىن كېيىن قايتىدىن بىر قېتىم مەقئەت دورىسى بېرىلگەن، ناھايىتى ئاز مىقتاردا سۇيۇق چوڭ تەرەت چىققان، ئەمما يەل چىقمىغان. بۇ چىققان چوڭ تەرەت مەقئەتكە يېقىن قىسىم بولغان تۈز ئۈچەيدە قالغان چوڭ تەرەت قالدۇقى. بۇ ئۈچ پارچە رېنتىگېن فىلىمىنىڭ ھەممىسىدە چوڭ ئۈچەيدە گاز-سۇيۇقلۇق سەۋىيىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قورساق قىسىمدىكى قارا رەڭلىك قىسمى گاز، ئۇنىڭ ئاستىدىلا تۈز شەكىلدە سەۋىيە كۆرسەتكەن ئاق قىسىم ئۈچەي يوللىرىدا توسۇلۇپ قالغان سۇيۇقلۇقلاردۇر.

 

 

بالىلاردىكى ئۈچەي توسۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى:

1. تۇغما ئامىللار:مەسىلەن، تۇغما ئۈچەي يولى تارىيىش، ئۈچەي كىرىشىپ قېلىش، تۇغما زور بوغماق ئۈچەي قاتارلىقلار.

2. تاشقى زەخىم:مەسىلەن، قورساق قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن ياكى تاشقى زەخىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈچەي يولى زەخىملىنىش.

3. يۇقۇملىنىش:بەزى ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەي توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

4. ئۆسمە:گەرچە ئاز ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئۈچەي توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. باشقا كېسەللىكلەر:مەسىلەن، كرون كېسىلى، يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلى.

بالىلاردىكى ئۈچەي توسۇلۇش ئالامەتلىرى:

1. قورساق ئاغرىش:ئادەتتە تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان قاتتىق قورساق ئاغرىش بولۇپ، قۇسۇش ئەگىشىپ كېلىشى مۇمكىن.

2. قورساق كۆپۈش:قورساق قىسمى روشەن كۆپۈش، بەزىدە ئۈچەي تىپىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

3. قەۋزىيەت ۋە يەل چىقىرىش قىيىنلىشىش:بالا بىر نەچچە كۈن چوڭ تەرەت قىلماسلىقى ياكى تەرەت قىلغاندا ئاغرىق ھېس قىلىشى مۇمكىن.

4. كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش:بولۇپمۇ تاماق يېگەندىن كېيىن.

5. قورساق قىسمىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە باسقاندا ئاغرىش ۋە قاڭقىپ ئاغرىش.

6. قورساق قىسمىنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە يۇقىرى ئاۋازلىق ئۈچەي غوڭۇلدىغان ئاۋاز ياكى نەپەس زىيادە سۇ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.

دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:

1. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر بالىنىڭ قورسىقىنى تەكشۈرۈپ، مونەك بار – يوقلۇقى، باسقاندا ئاغرىش ياكى باشقا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقىنى ئىزدەيدۇ.

2. X نۇرىدا تەكشۈرۈش:قورساقنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئۈچەيدىكى گاز ۋە سۇيۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، توسۇلۇش بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

3. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش:بەزى تىپتىكى ئۈچەي توسۇلۇشقا نىسبەتەن، مەسىلەن، ئۈچەي كىرىشىپ قېلىش، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئىنتايىن پايدىلىق.

4. CT تەسۋىر كۆچۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي سۈرەتكە ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ.

5. قان تەكشۈرۈش:بالىنىڭ ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى باھالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى:

1. ئوپېراتسىيىسىز داۋالاش:قىسمەن تىپتىكى ئۈچەي توسۇلۇش، مەسىلەن، قىسمەن خاراكتېرلىك ئۈچەي توسۇلۇش ياكى يېنىك دەرىجىدىكى ئۈچەي كىرىشىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئوپېراتسىيىسىز داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ، مەسىلەن، تاماق يېمەسلىك، ۋېنادىن سۇيۇقلۇق بېرىش، بۇرۇن – ئاشقازان نەيچىسى قويۇپ ئاشقازان ئىچىدىكى نەرسىلەرنى سۈمۈرۈش قاتارلىقلار.

2. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:ئېغىر دەرىجىدىكى ئۈچەي توسۇلۇش ياكى ئوپېراتسىيە قىلماي داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋالدا، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى توسۇلۇش سەۋەبى ۋە ئورنىغا باغلىق. مەسىلەن، ئۈچەي كىرىشىپ قالسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئۈچەي يولىنى قايتىدىن ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇش كېرەك؛ تۇغما زور بوغماق ئۈچەيگە نىسبەتەن، قىسمەن كېڭەيگەن بوغماق ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش ھەمدە ئۈچەي يولىنى قايتا قۇرۇش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-03 / 07:42:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ