توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۈگۈن بىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئورۇقلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا توختىلىمىز.
1. ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان ھامان داۋالاش، بالدۇر دورا ئىچىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ساقلاش كېرەك.
2. مۇۋاپىق غىزالىنىش، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ، تاماق تاللايدىغان ۋە تەرتىپسىز، ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
3. مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، پەي توپ، ۋاسكېتبول، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىقلار ئارقىلىق بەدەن شارائىتىنى ياخشى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
4. ياخشى كەيپىيات، ساغلام، ئىللىق، ئاكتىپ روھىي ھالەت ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
5. قانۇنىيەتلىك ساغلام تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، تۈنىمەسلىك، قالايمىقان ئوينىماسلىق كېرەك.
6. باشقىلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ياكى ئەيدىز كېسەللىكى بويىچە ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى، تەشكىلنىڭ ئىللىقلىقى، كوللېكتىپنىڭ ئىللىقلىقى بىلەن بىرلىكتە ئەيدىز كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇشقا موھتاج.
7. جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش، مەسىلەن، نورمال خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە يالغۇز قالماسلىق قاتارلىقلار.
8. ئاقكۆڭۈل قەلبنى ساقلاپ، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش.
9. مۇۋاپىق ئەمگەك قىلىش، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەمگەك ئادەمنى خۇشال ۋە بەختلىك قىلىدىكەن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17436757.shtml