سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئانىلىق ھورمۇن ئاياللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەن بولسا، بالىياتقۇ يىگلەش، ئەمچەك ساڭگىلاش، داغ چۈشۈش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇخۇم چىقىرىش نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسان ھامىلىدار بولمايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل كېسەللىك ئالامىتىدىن ئەگەر بىردىن ئارتۇقى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك.
1. بەدەن ئېغىرلىقى ئىزچىل چۈشمەسلىك
نۇرغۇن ئاياللار تاماقنى ئاز يەپ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئانىلىق ھورمۇننىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئانىلىق ھورمۇن يېتىشمىسە، ئىچكى ئاجراتمىلار توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مايلارنىڭ مېتابولىزمى قىيىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياغلار يىغىلىپ قېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئىزچىل چۈشمەي تۇرۇۋالىدۇ.
2. ئاۋازى ئۆزگىرىش
ئەگەر ئاياللارنىڭ ئەسلىي ئاۋازى يېقىملىق بولسا، ئەمما ئاۋاز سۈپىتى تۇيۇقسىز ناچارلىشىپ، بوغۇق، تۆۋەن بولسا، ھەتتا تىترەڭگۈ ئاۋاز پەيدا بولسا، ئۇنداقتا ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
3. تېرە سۈپىتى ناچارلاش
ئانىلىق ھورمۇن يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن «گۈزەللىك ھورمۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى ياخشى بولسا، ئاياللارنىڭ تېرىسى سىلىق، قىزىل، ئېلاستىكلىقى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئاياللاردىكى ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنرەك بولسا، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى بولمايدۇ، ئاسانلا قورۇق پەيدا بولىدۇ، داغ كۆپىيىدۇ، پارقىراقلىقى يېتەرسىز بولىدۇ، ھەتتا تېرە يېرىلىدۇ.
4. ھەيزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلىشىپ كېتىشى
ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ھامىلىدارلىق ھورمۇنى بىرلىكتە ھەيز دەۋرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھامىلىدارلىق ھورمۇنى تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تەبىئىي ئۆسەلمىسە ھەيز دەۋرى توغرا بولماسلىق، ھەيز مەزگىلى ئۇزىراپ كېتىش ياكى قىسقىراپ كېتىش، ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش ياكى بەك ئاز بولۇش، ھەتتا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توختاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقى تۆت خىل كېسەللىك ئالامىتىدىن ئەگەر بىردىن ئارتۇقى كۆرۈلسە، ئانىلىق ھورمۇننىڭ تۆۋەنرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى بەك ئېغىر بولمىسا، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
1. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر (豆类)
سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول ۋە تەبىئىي بولغان ئانىلىق ھورمۇن بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇنغا ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى ياخشىلايدۇ.
2. پالەك (菠菜)
پالەك ئاياللارغا ئىنتايىن پايدىلىق كۆكتاتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى ھامىلىنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە تۇخۇمداننىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. پويرارىيە يىلتىزى (葛根)
پويرارىيە يىلتىزى بىر خىل تەبىئىي ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ، ھازىر سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. پويرارىيە يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە مول ئىزوفلاۋون بار، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشاش بولۇپ، ئاياللاردىكى ئانىلىق ھورمۇننى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. قىزىلگۈل (玫瑰花)
قىزىلگۈلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەش، قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى تەڭشەش، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17797993.shtml