ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىئاياللاردىكى تۇغماسلىق دىگەن قانداق ئۇقۇم؟

ئاياللاردىكى تۇغماسلىق دىگەن قانداق ئۇقۇم؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇغماسلىق-تۇغۇت ىيىشىدىكى ئەر-ئاياللار بىرگە ئۆتىۋىتىپ2يىلغىچە ھامىلدار بولماسلىق تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ

توي قىلىغاندىن تارتىپ2يىلىغىچە تۇغمىسا بىرلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ. ئىلگىرى ھامىلدار بولۇپ2يىلغىچە ھامىلدار بولمىسا ئىككىلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ.

ئاياللاردىكى تۇغماسلىق دىگەن قانداق ئۇقۇم؟
تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:

بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ئەر تەرەپتىن،ئايال تەرەپتىن ۋە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.

ئايال تەرەپتكى سەۋەپلەر:

ئومۇمى بەدەن ياكى بالياتقۇ مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزۇلۇشلىرى قان،سەپرا،سەۋدا،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ ياكى ئىسقلىق سوغۇقلۇق،ھوللۈك ،قۇرۇقلۇقلاردىن بىرەرسىنىڭ زىيادە غالىپ بولۇشى.

تۇخۇمنىڭ چىقىرلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش:

1) مەركەز خاراكتىرلك ئامىللار:دۆڭچە مىڭە ئاستى قىسمى ھىپوپىز تۇخۇمدان ئوقى خىزمىتى قالايمقانلىشىش،ھىيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) ئومۇمى بەدەنلىك كىسەللىكلەر: ئىغىر دەرىجىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،زىيادە سىمىزلىك،قالقانسىمان بەز خىزمىتىى كۈچىيىپ كىتىش ياكى ئازىيىپ كىتىشمۇ تۇخۇمدان خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3) تۇخۇمداندىكى ئامىللار : تۇغما ئالدى تۇخۇمدان خىزمىتى تولۇق بولماسلىق،تۇخۇمدان خىزمىتى بالدۇر چىكىنىش،تۇخۇم ئۆسمىسى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان،تۇخۇمدان ياللۇغى،بالياتۇ ئىچكى پەردىسنىك غەيرى ئورۇنلىشىشدىن بولىدۇ.

تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ئامىللار:

تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغى،تۇخۇم نەيچىسى سىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قىلىش بۇندىن باشقا تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى غەيرى شەكىلدە بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ.

بالياتقۇدىكى ئامىللار :

بالياتقۇ تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق،بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە سىلى، بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى،بالياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

ئەرلەردىكى سەۋەپلەر:

1) مەنىنىڭ يىتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش .

2) مەنىنىڭ يەتكۈزۈلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش.

3) جىنسى مۇناسىۋەتكە تەسر يەتكۈزىدىغان ئامىللار .

4) پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئامىللار .

ئەر- ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەر:

ئەر-ئايالدا جىنسى تۇرمۇش بىلىمى كەمچىل بولۇش،جىنسى تۇرمۇشنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك شالاڭ بولۇپ قىلىشى ياكى تۇخۇم چىقىرىش ۋاختىدىن ھالقىپ ئۆتۆپ كىتىش،ھىيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسۋەت قىلىشس سەۋەبىدىن ياللۇغ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ نىرۋا جىدديلكى:نىرۋا جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئادەم بەدىندىكى بىئولوگىيلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نىرۋا جىددىيلىكى سەۋەبىدىن جىمانىڭ مەغلۇپ بولۇشى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىممۇنىت ئامىلى: ئەرلەرنىڭ بەدىندە تەبىئى ئىممۇنىتلىق راكسىيە بوزۇلۇپ ئۇرۇقنىڭ ھەركتىنى تۇرمۇزلاش بىلەن ھامىلدار بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ .

ئايال تەرەپنى تەكشۇرۈش :

كىسەل تارىخنى سوراش.

ئاياللار بۆلىمىدە تەكشۇرۇش :

ئىككىلەمچى جىنسى بەلگىلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،كۆپيىش سىستىمىسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى،ياللۇغلىنش،غەيرىلىشىش ۋە ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلۇقىنى،ئۆپكە سىلىنىڭ بار يوقلۇقىنى ،قالقانسىمان بەز ئىقتىدارنىڭ يۇقۇرلاپ كىتىش ياكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى،بۆرەك ئۈستى بىزىنىڭ ئەھۋالى،ھىپوپىز تىنىدىكى كىسەللىكلەر تەكشۈرۈلىدۇ.

قوشۇمچە تەكشۈرۈش : تۇخۇمدان خىزمىتىنى تەكشۈرۈش.

تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىگە ھۋا ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۇش .

جىنسى تۇرمۇشتىن كىيىن مەنى سۇيۇقلۇقى بىلەن بالياتقۇ بوينى شىللىق سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىنىغى ئىشلىنىدۇ.

زۆرۈر تىپىلغاندا بالياتقۇ ئەينىكى ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈپ بالياتقۇ،تۇخۇم نەيچىسى،تۇخۇمداننىڭ چاپلىشىشى ياكى كىسەللىك ئۆزگىرشنىڭ بار-يوقلۇقى بىۋاستە تەكشۈرۈلىدۇ.

داۋالاش:

ئادەتتىكىچە داۋالاش: ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش،پۇتۇن بەدەن خاراكتىرلىك سوزۇلما كىسەللىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئىلىش،روھى جەھەتتىكى غەم-قايغۇنى تۈگىتىش،بىمارغا جىنسى تۇرمۇش ھەققىدىكى تۇرمۇش بىلملىرنى تەشۋىق قىلىش،تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ جىنسى تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-07 / 09:06:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ