توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
بەزى كىشىلەر كۆپچىلىك بىلەن يەل قازان شورپىسى يەۋاتقاندا، قازاندىكى نەرسىلەرنى سۈزۈپ بولمايلا قاچىنى قويۇپ، تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى ئادەتتە «تۈز ئۈچەي» دەپ قويىدۇ. تاماقنى يەپ بولۇپلا چوڭ تەرەت قىلىش ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى ئاشقازان، ئۈچەيدىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ بىز بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

بىز ئاۋۋال ھەزىم قىلىشنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. ئادەتتە، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا ساقلىنىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە بولىدۇ، يېمەكلىك يېيىشتىن چىقىرىۋېتىشكىچە ئاز دېگەندە 20 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا پەرق بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئەگرى ھالەتتە بولۇپ، ھەرگىزمۇ تۈپتۈز بولمايدۇ. شۇڭا «تۈز ئۈچەي» مەۋجۇت ئەمەس.
فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ياكى يەپلا تەرەت قىلىشنى ئويلاش ئەمەلىيەتتە ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈلۈش جەريانىدىكى يېمەكلىك قالدۇقىغا قارىتا چىقىرىلغان چىقىرىش سىگنالىدۇر. تاماق يېگەندىن كېيىن دەرھال تەرەت قاچىسىدا ئولتۇرۇۋالىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى رېفلېكسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل رېفلېكىسنىڭ كۆپىنچىسى نورمال فىزىئولوگىيەلىك جەريان، بىراق، رېفلېكىسنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەپ بولغاندىن كېيىنلا چوڭ تەرەت قىلىشنى ئويلاش ئۈچەي يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئاشقازان شىللىق پەردىسى رېفلېكىسى ئادەم بەدىنى يېمەكلىكنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئىختىيارسىز ئىنكاستۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى مېخانىزم يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاننى غىدىقلىشى بولۇپ، ئادەم بەدىنى بوغماق ئۈچەينىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل ھورموننى قويۇپ بېرىپ، ئۈچەينى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكىسلىق دەرىجىسى يېنىك بولۇپ، تاماقتىن كېيىنلا چوڭ تەرەت قىلىش ئىنكاسى شەكىللەنمەيدۇ؛ ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكىسى كۈچلۈك بولسا، تاماقتىن كېيىن دەرھال چوڭ تەرەت قىلىش رېئاكسىيىسى پەيدا بولىدۇ.
ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكىسى پەرقلىق بولۇپ، بەدەن ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا يېمەكلىك ۋە كېسەللىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بەزى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، ياغ تەركىبى يۇقىرى ياكى مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈت مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ قانداق يېمەكلىككە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئەستە تۇتۇپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ قېلىشنى ئازايتىش كېرەك. بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، ئۈچەي يولى ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى يېمەكلىك قالدۇقىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا يۆتكىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمدە تاماقتىن كېيىنلا چوڭ تەرەت قىلىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. يېمەكلىكلەرگە زىيادە سەزگۈرلۈك ياكى بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، تەشۋىشلىنىش، ئاشقازان ياللۇغى، كروئىن كېسەللىكى قاتارلىقلارمۇ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلىكىسلىق كۈچىنىشىنى ئاشۇرۇپ، تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىنلا، چوڭ تەرەت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنداقتا، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ كېسەللىك ئىپادىسىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ ئادەتتىكى قانۇنىيەت شۇكى، كېسەللىك ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان شىللىق پەردە رېفلېكسىنىڭ كۈچىيىشى، تاماقتىن كېيىن تەرەت قىلغاندىن باشقا، يەنە باشقا ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، قورساق بىئارام بولۇش، دائىم ئوسۇرۇش، چوڭ تەرەتتە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىقلار. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ياكى كۈچلۈك ياكى كۆپ قېتىم ئاشقازان سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى كۆرۈلسە، ھەمدە ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى ئىككى كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكسى كۈچىيىشى ئەگەر فىزىئولوگىيەلىك بولسا، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز، يېمەك-ئىچمەكنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، رېفلېكسنى كۈچەيتكەن يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش ياكى ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، خىيال سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق تاماق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرەت قىلىش ئارزۇسىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكسى كۈچىيىشى ئىچى سۈرۈش بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ رېفلېكسى كۈچىيىشىدىكى يەنە بىر يوشۇرۇن سەۋەب چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق بولۇپ، ئۈچەي يولىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېنىك دەرىجىدە ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق ھەر ۋاقىت يۈز بېرىدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى رېفلېكىسى پەقەت تاماقتىن كېيىن يۈز بېرىدۇ. چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق بەلكىم تۈز ئۈچەي نېرۋىسى ياكى مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشى، ئۈچەي دىۋارىنىڭ زەخىملىنىشى، تۈز ئۈچەينىڭ ساڭگىلاپ قېلىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا دەل ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7661289.shtml


