ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقنېمە ئۈچۈن بەزىلەر سۈت ئىچسە ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر سۈت ئىچسە ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۈندىلىك تۇرمۇشتا دوختۇرلار كۆپچىلىكنىڭ سۈتنى كۆپرەك ئىچىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەر سۈت ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، بۇ ئۇلارنى غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمەلىيەتتە سۈت ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرسى، بەدەننىڭ لاكتوزى(سۈت شېكىرى)غا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر سۈت ئىچسە ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ؟

سۈت ئىچسىلا ئىچى سۈرۈش قانداق ئىش؟

بەزى كىشىلەر ئادەتتە سۈت ئىچكەندىن كېيىن دەرھال ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت ئىچكەندىن كېيىن دەرھال ئىچى سۈرۈپ كېتىشى بەدەننىڭ لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

سۈت تەركىبىدە بىر قىسىم لاكتوزا بولغاچقا، بۇ لاكتوزا بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئىنچىكە ئۈچەيگە كىرىپ گلۇكوز ۋە گالاكتوزىغا پارچىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ، ئەمما بەدەندىكى لاكتازا كەمچىل بولغاندا، بۇ كىچىك ئۈچەيگە سۈمۈرۈلگەن لاكتوزا تولۇق ھەزىم بولماي، بىۋاسىتە چوڭ ئۈچەيگە كىرىپ، چوڭ ئۈچەيدە ئازراق گاز ھاسىل قىلىپ، بەدەندە قان ئۇيۇش، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق بىر قاتار ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كلىنىكىدا لاكتوزىغا چىدامسىزلىق دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، لاكتوزىغا چىدامسىز كىشىلەر ئادەتتە سۈت بىلەن ئۇچراشسىلا باشقا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئادەتتە لاكتوزىغا چىدامسىز كىشىلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

1. لاكتازا كەملىك

بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى بەدەندىكى خروموسومىدىكى بەزى گېنلار بەدەندە لاكتازا فېرمېنتىنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، لاكتوزىغا چىدامسىزلىق پەيدا قىلىدۇ.

2. بىرلەمچى لاكتازا كەملىك

بىرلەمچى لاكتازا فېرمېنتى كەملىك قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى لاكتازا فېرمېنتى كەملىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ياشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىدىن بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ لاكتازا قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە لاكتازا يېتىشمەيدۇ، بۇ بىر خىل ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكىگە تەۋە.

3. ئىككىلەمچى لاكتازا يېتىشمەسلىك

ئىككىلەمچى لاكتازا فېرمېنتى كەمچىل بولۇش ئاساسلىقى كىچىك ئۈچەي ئېپىتېلىيەسى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچراپ، لاكتازا فېرمېنتى يېتىشمەي، لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا، سۈت ئىچسىلا ئىچى سۈرۈشنىڭ لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلار ئامال بار ئاچ قورساق سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ ھەمدە سۈت ئىچكەندە كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ئىچى سۈرۈش قېتىم سانىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، لاكتوزىغا چىدامسىزلار ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ بەزى بوۋاقلار، بالىلاردا لاكتوزىغا چىدامسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار سۈت شېكىرى بولمىغان سۈتنى تاللاش كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن لاكتوزىغا چىدامسىزلىق بالىلار سۈت ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، قورساق كۆپۈشتىن باشقا، بەزىلىرىدە رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ، شۇڭا سۈت شېكىرى بولمىغان سۈتنى تاللاپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/7602128.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-17 / 09:31:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ