ئانا سەھىپەساغلاملىقھاراق-تاماكاتاماكا ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ

تاماكا ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ زېيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدۇ،دەپ قارىلىدۇ ئەمەلىيەتتە تاماكا چەكمەيدىغانلارمۇ تاماكا ئىسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچىرايدۇ

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ تاماكا چىكىلگەن سورۇندا 30مىنۇت تۇرسىلا قان ئايلىنىش ئىقتىدارىغا كۆرىنەرلىك تەسىر يېتىدىكەن. ياپونىيەنىڭ دابەن ئۇنۋىرسىتتىتى تىببىي ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىللىرىنىڭ تار دائىرىدىكى تەتقىقاتىدىن بايقىشىچە 30مىنۇت تاماكا ئىسىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ بىر تۈرلۈك قان ئىقتىدارى كونا بەڭگىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئىككى گۇرپىدىكى ئوتتۇرچە يېشى 27ياشلىق ئەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سىناقتىن بايقىلىشىچە،تاماكا چەكمەيدىغانلار 30مىنۇت تاماكا چېكىلگەن سورۇندا تۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىش ئىقتىدارى ۋە يۈرەككە قان يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارى تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن ئوخشاش سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان.

ئائىلىسىدە تاماكا چېكىدىغانلار يوق كىشىلەرگە قارىغاندا ،ئائىلىسىدە تاماكا چېكىدىغانلار بار بولغانلىقتىن تاماكا ئىسىنىڭ زېيىنىغا ئۇچىراپ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى توپتوغرا %30يۇقىرى بولىدىكەن.

<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<<ئەرلەر ۋە تاماكا>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>

ئىسپاتلىنىشىچە،تاماكا جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن،تاماكا قاندىكى تېستوستېروننى تىزگىنلىۋېلىپ جىنسىي ھەۋەسنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدىكەن،ھەتتا ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.ماتېرياللىردا كۆرسىتىلىشىچە،تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نېسپىتى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن،50ياشتىن ئاشقان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تەخمىنەن %25ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە،تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قېنىداھۈجەيرىلەرنى غەيرىلەشيۈرىدىغان ۋە لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئوكسىدسىزلانغان رىبوزا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى بىرىكتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ماددىلار بولۇپ،تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ ھاسىل بولشىغا،كۆرۈنەرلىك تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

تىىبىي ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كىشىەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە.تاماكا ئۆپكە راكى،ئاشقازان راكى،جىگەر راكى.دوۋساق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سرت تاماكا چېكىشنىڭ يەنە بەزى زېيانلىرىمۇ بارئىكەن.

تاماكا قاندىكى ياغنىڭ كۆپىيىشىنى،ياغ ئاقسىلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۇيۇقسىز ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ.تاماكا سوزۇلۇشچان،ئۇزاققا سۇزۇلىدىغان يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئومۇرتقا ئارلىقىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۋېتىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇمۇرتقا كۆپۈپ چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا تاماكا سۈڭەكتىكى مېنىرال ماددىلارنى ئازيتىۋېتىدۇ.نەتىجىدە سۆڭەك بوشىشىپ بەل،گەجگە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

<<<<<<<<<<ئەتتىگەندە تاماكا چەككەندە>>>>>>>>>>>>>>>>>>>

بەڭگىلەرنىڭ ھەممىسى ئەتتىگەندە ئورنىدىن تورۇپلا بىر تال تاماكا چېكىۋالىدۇ-دە،ئۆزىنى روھلۇق ھىس قىلىشىدۇ،ئەگەر بىر تال تاماكا چىكەلمەي قالسا نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشىدۇ ،بىر نەرسىسى كەمدەك تۇيۇلىدۇ،ھەتتا بەزى خۇمارى كۈچلۈكرەكلىرى يوتقاندىن چىقماي تورۇپلا تاماكا چېكىدۇ. دەرۋەقە،ئەتتىگەندە تۇرۇپ بىر تال تاماكا چېكىۋېلىش ئارقىلىق بىر كېچە ماددا ئالمىشىشتىن كېيىن قاندىكى ئازىيىپ كەتكەن نىكوتىننى <<تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ>>>بۇنىڭ بىلەن بەڭگىلەر روھى <<كۈتۈرۈلگەندەك>>ھىس قىلىدۇ.كىچىچە ئۆيدىكى ھاۋا ئۆتۈشمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۆيدىكى سېسىقچىلىق تاماكا تۈتۈنىگە قوشۇلۇپ ئۆپكىگە قايتىدىن شۈمۈرلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئاچ قورساق تاماكا چەككەندە تاماكىنىڭ تۈتۈنى كانايدىكى ئاجراتمىلارنى غىدىقلاپ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن سوزۇلۇشچان كاناي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

<<<<<<<<<<<<تاماقتىن كىيىن تاماكا چەككەندە>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>

تاماقتىن كىيىن قاننىڭ ئايلىنىشى تىزلىشىدۇ،قان نىكوتىننى تىزدىن شۈمۈرۋالىدۇ،ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ،ئەمەلىيەتتە تاماقتىن كىيىن بىر تال تاماكا چەككەنىڭ زىيىنى ئادەتتە ئون تال تاماكا چەككەندىنمۇ كۆپ بولىدۇ.چۈنكى تاماقتىن كىيىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئاشىدۇ،بۇ ۋاقىتتا تاماكا چەكسىلا تاماكا ئاقسىل ۋە ئېغىر كاربونات كىسلاتاسى تۇزىنىڭ ئاجىرلىشىنى تىزگىنلىۋالىدۇ.يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولۇپ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى تەسىرگە ئۇچىرىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەيگە بىۋاستە زىيان يەتكۈزىدۇ،ئاشقازان ،ئۈچەينىڭ فونكىسىيسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ،بۆرەكنىڭ سويۇقلۇق ئاجىرتىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ،بۇنىڭ بېلەن قورساق ئاغرىش قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئادەم بەدىنىنىڭ يىمەكلىكلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەزىم قىلىش ،قوبۇل قىلىشى بىلەن بىرگە تاماكا ئىسىنى شۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ،شۈمۈرۈلگەن زىيانلىق ماددىلارمۇ كۆپىيىدۇ.شۇڭا،تاماقتىن كىيىن تاماكا چېكىشنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز زىيىنى بار.

<<<<<<<<<<<<<<ھاراق-شاراپ ئىچكەچ تاماكا چەككەندە>>>>>>>>>>>>>>>>

نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق-شاراپ ئىچكەچ تاماكا تاماكا چىكىدۇ،مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى يوقىرى كۈتۈرمەكچى بولىدۇ.ھاراق ئىچىپ تاماكا چەككەننىڭ زىيىنى يالغۇز ھاراق ئىچكەنگە ياكى تاماكا چەككەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ،چۈنكى ئىسپىرت تاماكىدىكى كوكىس مېيىدا ئاسان ئېرىيدۇ ،راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ماددىلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى ئىچىگە كىرىشنى تىزلىتىدۇ.ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،%70ئېغىز راكى تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.ئەڭ ئېغىر بولغىنى شۇكى،تاماكا بىلەن ھاراق بىرلا ۋاقىتتا بۆرەككە كىرگەندە بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتورۇش ئىقتىدارى پەقەت ئىسپىرتنى بىر تەرەپ قىلىشقىلا يىتىپ،باشقا ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يەتمەيدۇ،تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئادەم بەدىنىدە نەچچە سائەت تۇرۇپ قالىدۇ،ھەتتا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ،بۇنىڭ بىلەن تاماكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتكۈزىدىغان زىيىنى تېخىمىۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

<<<<<<<<<<<ھاجەتخانىدا تاماكا چەككەندە>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>

نۇرغۇن كىشىلەر ھاجەتكە ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەندە ھاجەتخانىدىكى سېسىق پۇراقنى ئازايتقىلى بولىدۇ،دەپ قارايدۇ.ئەمىليەتتە ھاجەتخانىدا ئاممىياك گازىنىڭ قۇيۇقلۇقى باشقا جايلاردىكىدىن يوقىرى

ئەمما ئوكسىگىننىڭ مىقدارى نىسپىي ھالداتۆۋەن بولىدۇ،تاماكا تاماكا ئوكسگىن مىقدارى تۈۋەن ئەھۋادا تېىخمۇ كۆپ گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى ۋە كاربۇن چالا ئوكسىدى پەيدا قلىدۇ،ھاجەتخانىدىكى زەھەرلىك گازلار ۋە كېسەل مىكروپلىرى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ ئۆپكە تەرىپىدىن شۈمۈرۈلگەندىن كىيىن ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.تاجىسىمان قان تۇمۇرلىرى خارەكتىرىدىكى يۈرەك كېسىلى ياكى سوزۇلۇشچان كاناي ياللۇغى بار كىشىلەر ھاجەتخانىدا تاماكا چەكسە يۈرەك سانجىقى،يۈرەك تىقىلمىسى ياكى كاناي ياللۇغىنىڭ تىز خارەكتىرلىك قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.شۇڭا تاماكا چېكىدىغانلار خۇمارى تۇتقاندا سورۇنغا ۋاقىتقا دىققەت قىلىشى،ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەرگە ئېلىشى ئەڭ ياخشىسى تاماكا تاشلىشى كېرەك.

*****ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تاماكا چەكمەڭ******

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:33:25

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ