يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نورمال ئېغىرلىقى ئادەتتە 2500 گرامدىن 4000 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن يېڭى ئاتا ئانىلار بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئەھۋالى مېدىتسىنادا «فىزىيولوگىيەلىك بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە زىيادە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلەشنىڭ سەۋەپلىرى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
1.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلەشنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر
1) بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇلار چىقىپ كېتىش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە سۇ تەركىبى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە، بوۋاق نەپەسلىنىش، تېرە ئارقىلىق پارغا ئايلىنىش ۋە سۈيدۈك چىقىرىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئارتۇقچە بەدەن سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىۋېتىشى سەۋەپلىك، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) ھامىلە تەرىتى چىقىرىش
بوۋاق تۇغۇلۇپ 1 − 2 كۈن ئىچىدە ھامىلە تەرىتى چىقىپ كېتىدۇ. ھامىلە تەرىتى بوۋاقنىڭ ئانا بالىياتقۇسى ئىچىدىكى ۋاقتىدا، بوۋاقنىڭ ئۈچەي يوللىرىدا يىغىلىپ قالغان تەرىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەرىتىنىڭ چىقىپ كېتىشى بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى سەل تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
3) ئانا سۈتى يېتىشمەسلىك
ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈنىدە، ئانىنىڭ سۈت مىقدارى تېخى تولۇق يېتەرلىك بولماسلىقى، بوۋاقنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېھتىياج مىقدارىدىن تۆۋەن بولۇشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىراق، ئانا سۈتىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.
2. فىزىيولوگىيەلىك بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەشنىڭ نورمال دائىرىسى
ساغلام تۇغۇلغان بوۋاقلار ، تۇغۇلۇپ 3 − 4 كۈن ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن %5 − %10 تۆۋەنلەيدۇ. مەسىلەن 3300 گرام تۇغۇلغان بىر ساغلام بوۋاق، تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە 170 گرامدىن 330 گرام ئەتراپىدا ئېغىرلىقى تۆۋەنلىشى مۇمكىن. بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە (يەنى خەتەرلىك بولمىغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمىگەن ھادىسە) بولۇپ، كۆپىنچە بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 10 ~ 14 كۈن ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى قايتىدىن يۇقىرىلاپ ئەسلىگە قايتىدۇ ۋە داۋاملىق سەمىرىشكە باشلايدۇ.
3.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
1) ۋاقتىدا ھەم يېتەرلىك ئانا سۈت ئەمدۈرۈش.
پات – پات ئېمىتىش ( ئادەتتە ھەر 2 – 3 سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىش ) ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ھەمدە بوۋاقنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە سۇغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىگەن تەغدىردىمۇ ، تېزلا ئەسلىگە قايتىدۇ.
2) بوۋاقنىڭ تەرەت قىلىش ۋە سۈيدۈك چىقىرىش ئەھۋالىنى كۈزىتىش.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىدىكى كىچىك تەرەت مىقتارى ، شۇ بوۋاقنىڭ ئەمدۈرۈلىشى ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى 6 ~ 8 قېتىم زاكىسىنى نەملەيدۇ ۋە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاستوت بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
3) بەدەن ئېغىرلىقىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش.
دوختۇرخانىدا ۋە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، دوختۇر ئادەتتە بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال دائىرىدە داۋالغۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا (نورمالدا ساغلام تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە ئانىدا ئېغىر كېسەللىك بولمىسىلا، 1-2 كۈن ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىدۇ) ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ بىر قانچە كۈن كۈزىتىشى مۇمكىن.
4. قاچان دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك؟
گەرچە كۆپ ساندىكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى %10 تىن ئېشىپ كەتسە ياكى تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇلغان چاغدىكى ئېغىرلىقىغا كەلمىسە، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇ بەلكىم بوۋاقنىڭ ئەمدۈرۈش ياكى ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ياكى يوشۇرۇن ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، چوقۇم مۇنتىزىم بالىلار ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەك.
ئاتا ئانىلار يېڭى بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن چوقۇم ئۈچىنجى ياكى تۆتىنجى كۈنى، تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئائىلە دوختۇرىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى ۋە مەسلىھەت ئېلىشى ، ئەگەر ئائىلە دوختۇرى بولمىسا چوقۇم ئەڭ يېقىن بالىلار دوختۇرىغا كۆۈنۈشى ۋە بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىشى كېرەك.
دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال قىممىتى ، بوي ئۇزۇنلۇقى ۋە باش ئايلانمىسى نورمال قىممىتى ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.