قىز بالىلارنىڭ بالاغەتلىك دەۋرى: ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
دوختۇرخانىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر كۆرۈنۈش شۇكى، دوختۇر: «بالىڭىز قاچان يېتىلىشكە باشلىدى؟» دەپ سورىسا، ئاتا-ئانىلار: «قاچان باشلانغىنىنى بىلمەيمىز، تېخى ئادىتى كەلمىدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى ۋە بالاغەتلىك دەۋرىگە ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. بۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىشكە كەلگەندە، يېتىلىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كېلىپ قالغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۆڭەك ئۆسۈش سىزىقى ( ئېپىفىز تاختىسى Epiphyseal plate) تاقىلىشقا ئاز قالغان ياكى تاقىلىپ بولغان بولغاچقا، داۋالاشقا كېچىككەن ياكى داۋالاش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. بۇ ۋەجىدىن بويى قىسقا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
بالاغەتلىك دەۋرى (Puberty) بولسا بالىلىقتىن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئۆتۈش مەزگىلى بولۇپ، بالىلار يېتىلىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئىككىنچى يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى جىنسىي ئەزالار ۋە ئىككىنچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلەر (Secondary sexual characteristics) تېز يېتىلىشى ھەمدە بەدەننىڭ تېز ئۆسۈشىدۇر. بۇ ئىككىلەمچى جىنسىيەت ئالامەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بالاغەتلىك دەۋرىنىڭ باسقۇچلىرى
بالاغەتلىك دەۋرى ئادەتتە 6 ~ 7 يىل داۋاملىشىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ باشلىنىش ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى ھەر بىر بالا ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنى ئۈچ باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ:
- بالاغەتلىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى: 2 ~ 3 يىل داۋام قىلىدۇ (9 ~ 12 ياشتا باشلىنىدۇ). بۇ مەزگىلدە بەدەن تېز ئۆسۈشكە باشلايدۇ، ئىككىنچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ (جىنسىي يېتىلىشنىڭ Ⅱ ~ Ⅲ باسقۇچى ، تۆۋەندە ھەر باسقۇچتىكى ئۆزگىرىشلەر بېرىلدى.).
- بالاغەتلىكنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى: 2 ~ 4 يىل داۋام قىلىدۇ (13 ~ 16 ياش ئارىلىقتا داۋام قىلىدۇ). بەدەننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تېز ئۆسۈش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ، بارلىق ئىككىنچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلەر تولۇق نامايان بولىدۇ (جىنسىي يېتىلىشنىڭ Ⅲ ~ Ⅳ باسقۇچى ، تۆۋەندە ھەر باسقۇچ ئۆزگىرىشلەر بېرىلدى). تۇنجى ھەيز يەنى ئادەت (Menarche) مۇشۇ مەزگىلدە كېلىدۇ.
- بالاغەتلىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى: 3 ~ 4 يىل داۋام قىلىدۇ (17 ~ 19 ياش). بەدەننىڭ ئۆسۈشى توختايدۇ، كۆپىيىش سىستېمىسى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولىدۇ (جىنسىي يېتىلىشنىڭ V باسقۇچى).
ئىككىنچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يېتىلىشى
قىزلارنىڭ ئىككىنچى جىنسىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يېتىلىش تەرتىپى ئادەتتە كۆكرەك يېتىلىشى، جىنسىي ئەزا تۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە قولتۇق تۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئىبارەت.
قىزلار كۆكسىنىڭ يېتىلىشى :
كۆكسنىڭ يېتىلىشى 9 ياشتىن 14 ياشقىچە باشلىنىپ، پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 يىل كېتىدۇ. لېكىن، بەزى بالىلاردا بۇ جەريان 1.5 يىلدىلا تاماملىنىشى مۇمكىن، بەزىلىرىدە 9 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.
- Ⅰ باسقۇچ: بالاغەتلىكتىن ئىلگىرى، كۆكرەك تېخى يېتىلمىگەن.
- Ⅱ باسقۇچ: كۆكرەك يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، ئەمچەك ئۇچى ئاستىدىكى ئەمچەك ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈشكە باشلاپ، دۆڭچە شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.
- Ⅲ باسقۇچ: كۆكرەك يۇمىلاقلىشىپ قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ، لېكىن يەنىلا كىچىك بولىدۇ.
- Ⅳ باسقۇچ: كۆكرەك تېز چوڭىيىدۇ، ئەمچەك ئۇچى ۋە ئەمچەك ھالقىسى (Areola) ئالدىغا پۇلتىيىپ چىقىپ، كىچىك توپچىغا ئوخشايدۇ.
- V باسقۇچ: نورمال قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ كۆكرىكى شەكلىنى ئالىدۇ.
جىنسىي ئەزا تۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشى :
بۇ جەريان كۆكرەك يېتىلىشى باشلانغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي باشلىنىدۇ.
- Ⅰ باسقۇچ: بالاغەتلىكتىن ئىلگىرى، تۈك يوق.
- Ⅱ باسقۇچ: سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قىسقا تۈكلەر پەيدا بولىدۇ.
- Ⅲ باسقۇچ: جىنسىي ئەزا ئۈچبۇلۇڭ رايونىدا قىسقا، قارا ۋە پارقىراق تۈكلەر ئۆسىدۇ.
- Ⅳ باسقۇچ: تۈكلەر ئۈچبۇلۇڭ رايونىنى قاپلايدۇ، لېكىن ئىككى يان تەرىپىدە تۈك بولمايدۇ.
- V باسقۇچ: تۈكلەر پۈتۈن ئۈچبۇلۇڭ رايونىنى قاپلاپ، يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىگىچە يېيىلىدۇ.
قولتۇق تۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشى (Axillary Hair Growth):
- Ⅰ باسقۇچ: بالاغەتلىكتىن ئىلگىرى، تۈك يوق.
- Ⅱ باسقۇچ: ئاز مىقداردا قىسقا، قارا تۈكلەر كۆرۈنىدۇ.
- Ⅲ باسقۇچ: تۈكلەر كۆپىيىپ، چوڭلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.
تۇنجى ھەيىز (Menarche)
تۇنجى ھەيز ، تۇنجى ئادەت دەپ ئاتاپمۇ قويىدۇ. ئادەتتە قىزلارنىڭ كۆكسىنىڭ يېتىلىشى باشلىنىپ 2 يىل ئەتراپىدا، يەنى كۆكرەك يېتىلىشىنىڭ Ⅲ ~ Ⅳ باسقۇچلىرى مەزگىلىدە كېلىدۇ. ھازىر قىزلىرىنىڭ تۇنجى ئەيىز كۆرۈش ئوتتۇرىچە يېشى 11-12 ياش ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. تۇنجى ئەيىز پەقەت تۇغۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا كۆپىيىش ئەزالىرى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ. قىزلارنىڭ دەسلەپكى ھەيز تەرتىپسىز بولۇشى، ھەتتا بىر نەچچە ئاي ياكى يېرىم يىلدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم كېلىشى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارى ئادەتتە تۇنجى ئادەت كۆرۈلگەندىن كېيىنكى 2 يىل ئەتراپىدا شەكىللىنىدۇ.
بوي ئېگىزلىكىنىڭ تېز ئۆسۈشى
بالاغەتلىك دەۋرىدە بوي ئېگىزلىكىنىڭ تېز ئۆسۈش مەزگىلى 2-3 يىل داۋام قىلىدۇ. جىنسىي ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە بوي تېز ئۆسۈش بىلەن بىرگە، سۆڭەك ئۆسۈش سىزىقى (ئېپىفىز سىزىقى) تاقىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئاخىرىدا بوي ئۆسۈشتىن توختايدۇ. پۈتۈن بالاغەتلىك دەۋرىدە قىزلارنىڭ بويى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ.
- بوي ئېگىزلىكى ئەڭ تېز ئۆسىدىغان مەزگىل تۇنجى ئەيىز كېلىشتىن بىر يىل بۇرۇن بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئائىلىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.
- تۇنجى ئەيىز كېلىشكە 6 ئاي قالغاندا، بوي ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلايدۇ.
- تۇنجى ئەيىز كەلگەندىن كېيىن، بوي ئۆسۈشى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوي ئادەتتە يەنە 5-8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسەلەيدۇ (ئوتتۇرىچە 5.5 سانتىمېتىر). 10 سانتىمېتىردىن ئارتۇق ئۆسۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. يەنى، ئەگەر بىر قىزنىڭ تۇنجى ئەيىزى كەلگەندە بويى 150 سانتىمېتىر بولسا، ئۇنىڭ ئاخىرقى بويى ئادەتتە 160 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار
- جىنسىي بالدۇر پىشىش (Precocious Puberty): قىز بالا 8 ياشتىن بۇرۇن جىنسىي يېتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ جىنسىي بالدۇر پىشىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال چوقۇم ئاتا ئانا تەرىپىدىن بالدۇر بايقىلىپ بالدۇر دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
- يېتىلىش سۈرئىتى: نورمال ياشتا يېتىلىشكە باشلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر يېتىلىش سۈرئىتى بەك تېز بولسا، بۇ بوي ئۆسۈشنى ئاستىلىتىپ قويۇپ بوي قىسقا بولۇپ قالىدۇ.
- يېتىلىشنىڭ كېچىكىشى: 13 ياشقا كىرگۈچە كۆكرىكى يېتىلمىسە، ياكى كۆكرەك يېتىلىشى باشلىنىپ 5 يىلدىن كېيىنمۇ تۇنجى ئادەت كەلمىسە، بالاغەتلىك دەۋرىنىڭ كېچىككەنلىكەن بولىدۇ ۋە چوقۇم تەكشۈرتۈش كېرەك.
- سۆڭەك يېشى : سۆڭەك يېشى بوي ئۆسۈش بوشلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. بالاغەتلىك دەۋرىدە جىنسىي ھورمونلارنىڭ تەسىرىدىن، سۆڭەك يېشى ھەقىقىي ياشتىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن. سۆڭەك يېشى ئارقىلىق بوي ئېگىزلىكىنى تېخىمۇ توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
- ھەيىز كەلگەندىن كېيىنكى بوي ئېگىزلىكى: قىزىڭىزنىڭ تۇنجى ئەيىزى كەلگەندىن كېيىن، بوي ئۆسۈشىنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ.
ئاتا-ئانىلار پەقەت پەرزەنتلىرىنىڭ بالاغەتلىك دەۋرىدىكى جىنسىي يېتىلىش قانۇنىيىتىنى توغرا چۈشەنگەندىلا، بالىنىڭ يېتىلىش جەريانى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، نورمالسىز ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ.