ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن جەمئىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەت

0
780
ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن جەمئىيەت كىشىلىك مۇناسىۋەت

يېنىمىزدىكى ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟

ئەگەر يېنىمىزدا ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولسا ئۇنڭدىن قورقماسلىغىمىز ، يامان كۆز بىلەن قارىماسلىغىمىز ، چەتكە قاقماسلىغىمىز لازىم .ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھىسىداشلىق قىلىشىمىز ، كۆڭۈل بۈلۈشىمىز ، ئىمكان قەدەر ياردەمدە بولۇشىمز ،تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرمەسلىگىمىز كېرەك .شۇنداقلا ئۇلار بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشىشىمىز ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشقا ياردەمدە بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە قارىشىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك .
ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟

ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقتۇرالغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى ئەيدىز كىسىلىنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۈچ كەلگەن بولىدۇ ، كىسەلنى خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاراش ئانچە ئاسان ئەمەس . شۇڭا بىز ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا بارلىق بەخىتسىزلىككە يۇلۇققان ئائىللەگە ئوخشاش ئۇلارغا ھىسىداشلىق قىلىشىمىز لازىم .ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلۈشىمىز ، ياردەم بېرىشىمىز لازىم . بۇ ئەيدىز كىسىلنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولغان ئىجىتمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئىنتايىن زۈرۈر .

ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار قانداق قىلغاندا باشقىلار بىلەن بىللە تۇرالايدۇ ؟

ئەيدىز ۋېروسىنى يۇقتۇرۋالغۇچىلار ئۆزىنى كۈڭۈللۈك ، ئۇچۇق – يۇرۇق ، يەنە باشقىلارغا ئۇچۇق – يۇرۇق مۇئامىلە قىلىش ، ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك . شۇنداق قىلغادىلا باشقىلارمۇ ئۇلارنى كەمسىتمەيدۇ .

  • 1) كىسەللىك ئەھۋالىنى ئۆزىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ھەمرايىغا ئەينەن ئېيتىش كېرەك . ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى يۇقتۇرۋالغاندىمۇ ئوخشاشلا يەنە جىنسى ھەۋەس پەيدا بولىدۇ . شۇنداقلا جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ . لىكىن ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى قارشى تەرەپكە ئەينەن ئېيتىش ، ھەمدە بىخەتەر بولغان جىنسى تۇرمۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ، بىخەتەرلىك قاپچۇغىنى توغرا ئىشلىتىش كىرەك .شۇنداق قىلغاندىلا كىسەللىك ۋېروسىنىڭ قارشى تەرەپكە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
  • 2) ئۆزىنىڭ جىنسى ھەمرايى بىلەن دوختۇرغا ئېيتقاندىن باشقا ھەر قانداق ئەدەمگە كىسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ .پەقەت سىز باشقىلار بىلەن ئەيدىز ۋېروسىنى تارقىتىدىغان ھەركەتتە بولمىسىڭىزلا.
  • 3) قانۇندا ئەيدىزكىسەللىك ۋېروسىنى مەخسەتلىك تارقىتىش ، بىر جىنايى ھەركەت دەپ بەلگىلەنگەن . چۈنكى كىسەللىك ۋېروسىنى مەقسەتلىك تارقىتىشقا بولمايدۇ .
  • 4) باشقىلار بىلەن ئۇكۇل يىڭنىسى ، پىچاق ، چىش پاستىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
  • 5) قان ، ئۇرۇق ، تۇخۇمدان سۇيۇقلۇغى تەقدىم قىلماسلىق كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەتىراپىڭىزدىكى ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز . بۇ ئۆزىڭىزنىڭ نۇرمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە پايدىلىق .
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here