ھازىرقى زامان تىببىي پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئارقىلىق تولۇق داۋالاپ ساقايتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. تۈركىيە دۆلەتلىك ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىدا ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلۈك ھەقسىز مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى «راكنى شاللاپ تەكشۈرۈش پروگراممىسى» دۇر. بۇ پروگرامما ئاساسلىقى ئائىلە ساغلاملىق مەركەزلىرى (Aile Sağlığı Merkezi) ۋە راكنى بالدۇر بايقاش، تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى (KETEM) تەرىپىدىن ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.

راكنى شاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخى كۆرۈلمىگەن ساغلام كىشىلەردە يوشۇرۇن خەتەرنى بايقاش ۋە داۋالاشقا ئەڭ قولاي بولغان دەسلەپكى باسقۇچتا ئارىلىشىشتۇر. بۇ ماقالىدە تۈركىيەدىكى ئائىلە دوختۇرى سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈچ مۇھىم راك تەكشۈرۈش تۈرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز. بۇ تەكشۈرۈشلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولىدۇ.
چوڭ تەرەتتە يوشۇرۇن قان تەكشۈرۈشى (تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش)
(GGK – gaitada gizli kan testi)
تۈز ئۈچەي راكى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان راك تۈرلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بالدۇر بايقىغاندا داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. تۈركىيەدىكى ساغلاملىق مەركەزلىرىدە بۇ راك تۈرىنى بايقاش ئۈچۈن «چوڭ تەرەتتە يوشۇرۇن قان تەكشۈرۈشى» (GGK – gaitada gizli kan testi) ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈچەيدىكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قاناشلار ۋە راكقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان پولىپلار بايقايدۇ.
كىملەر تەكشۈرتەلەيدۇ؟
- 50 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان بارلىق ئەر ۋە ئاياللار بۇ پروگراممىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
- ئەگەر ئائىلىسىدە ياكى بىرىنچى دەرىجىلىك يېقىن تۇغقانلىرىدا ئۈچەي راكى تارىخى بارلار بولسا، بۇ ياش چەكلىمىسى دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش قېتىم سانى ۋە ئۇسۇلى:
- مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ.
- بۇ تەكشۈرۈش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى سىزگە بىر تال كىچىك تۇبكا (ئەۋرىشكە ئېلىش قورالى) بېرىدۇ. كىشى ئۆز ئۆيىدە چوڭ تەرەتتىن ئازراق ئەۋرىشكە ئېلىپ تۇبكىغا سالىدۇ ۋە مەركەزگە تاپشۇرىدۇ. ھېچقانداق ئاغرىق ياكى قولايسىزلىق بولمايدۇ.
بۇنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق نېمىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ؟
ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى «نورمال» چىقسا، بۇ ئۈچەيدە كۆرۈنەرلىك بىر خەتەر يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر «پوزىتىف» (مۇسبەت) چىقسا، بۇ سىزدە چوقۇم راك بار دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۈچەيدە قاناش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پولىپ، ياللۇغ ياكى گېموروي (بواسىر) بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئائىلە دوختۇرى سىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كولونوسكوپىيە (ئۈچەي ئەينىكى) تەكشۈرۈشى ئۈچۈن چوڭ دوختۇرخانىلارغا خەت قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم كولونوسكوپىيە قىلدۇرۇش يەنە بىر مۇھىم تەۋسىيەدۇر.
HPV DNA تەكشۈرۈشى ۋە بالىياتقۇ بوينى سۇۋالما تەكشۈرۈشى (بالياتقۇ بوينى راكى شاللاپ تەكشۈرۈش)
(Hpv dna testi ve smear testi)
ئاياللاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان راك تۈرلىرىنىڭ بىرى بالياتقۇ بوينى راكىدۇر. تۈركىيەدە بۇ خىل راكنى بايقاش ئۈچۈن دۇنيا سەۋىيەسىدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا بولغان HPV DNA تەكشۈرۈشى قوللىنىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق راك پەيدا قىلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان ۋىرۇسلار تېخى راك ھۈجەيرىسى شەكىللىنىشتىن بۇرۇن بايقايدۇ.
كىملەر تەكشۈرتەلەيدۇ؟
- 30 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان بارلىق ئاياللار.
- پىلانلىق ھالدا ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
تەكشۈرۈش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
تەكشۈرۈش ئائىلە ساغلاملىق مەركىزىدىكى سىستېرالار ياكى دوختۇر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالاھىدە بىر موچىن ئارقىلىق بالياتقۇ بوينىدىن سۇيۇقلۇق ئەۋرىشكىسى ئېلىنىدۇ. بۇ جەريان ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئادەتتە ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ. ئەۋرىشكە تەجرىبىخانىغا ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭدا HPV ۋىرۇسىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى (Smear) تەكشۈرۈلىدۇ.
نەتىجىنىڭ ئەھمىيىتى:
ئەگەر HPV تەكشۈرۈشى مەنپىي چىقسا، كېلەر 5 يىلغىچە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مۇسبەت چىقسا، قايسى تىپتىكى ۋىرۇس ئىكەنلىكىگە قاراپ، دوختۇر سىزنى كولپوسكوپىيە (جىنسىي يول ئەينىكى تەكشۈرۈشى) ياكى باشقا قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرىغا خەت قىلىپ بېرىدۇ. بۇ باسقۇچتا بايقالغان مەسىلىلەر شاللاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تېخى راكقا ئايلانمايلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
سۈت بېزىنى X نۇرىدا تەكشۈرۈش – ماموگرافىيە تەكشۈرۈشى (ئەمچەك راكى شاللاپ تەكشۈرۈش)
(Mamografi)
ئەمچەك راكى ئاياللار ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەرلەرنىڭ بىرى. تۈركىيەدىكى ساغلاملىق سىستېمىسىدا 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈش تىزىملىكىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ماموگرافىيە (ئەمچەك رېنتىگېنى , سۈت بېزىنى X نۇرىدا تەكشۈرۈش) ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ھېسابلىنىدۇ.
تەۋسىيە قىلىنغان ياش ۋە قېتىم سانى:
- 40 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان بارلىق ئاياللار.
- ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ماموگرافىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- بۇنىڭدىن باشقا، 20 ياشتىن باشلاپ ھەر ئاي بىر قېتىم ئۆزىنى تەكشۈرۈش، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولسا 2 يىلدا بىر قېتىم دوختۇرلۇق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش مۇھىم.
تەكشۈرۈش جەريانى:
ئائىلە دوختۇرىڭىز سىزنى ئەڭ يېقىن KETEM مەركىزىگە ياكى ماموگرافىيە ئاپپاراتى بار دوختۇرخانىغا خەت قىلىپ بېرىدۇ . تەكشۈرۈش جەريانىدا سۈت بېزىنى (ئەمچەك) ئىككى تاختا ئارىسىدا ئازراق بېسىلىپ رېنتىگېن فىلىمى تارتىلىدۇ. گەرچە بىر ئاز بېسىم سېزىمى بولسىمۇ، بۇ جەريان بىر قانچە مىنۇتتىلا تاماملىنىدۇ.
نەتىجىدىن نېمىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ؟
ماموگرافىيە ئارقىلىق قول بىلەن تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى كىچىك تۈگۈنچىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئەگەر شۈبھىلىك بىر ئەھۋال بايقالسا، ئائىلە دوختۇرىڭىز سىزگە ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە خەت قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ، شۇ بۆلۈمدە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى (USG) ياكى ئەۋرىشكە ئېلىش ئارقىلىق ئېنىق دىياگنوز قويۇلىدۇ. راكنى بالدۇر بايقاش بۇ باسقۇچتا پۈتۈنلەي ساقىيىش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرىدۇ.
بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قانداق قىلدۇرۇش كېرەك؟
تۈركىيەدە بۇ ھەقسىز تەكشۈرۈشلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئىنتايىن ئاددىي. سىز تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ئائىلە ساغلاملىق مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلە دوختۇرى بىلەن كۆرۈشسىڭىز كاپايە. دوختۇر سىزنىڭ يېشىڭىز ۋە سالامەتلىك تارىخىڭىزغا ئاساسەن قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ سىستېمىلىق قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ:
- MHRS سىستېمىسى: تېلېفون ياكى تور ئارقىلىق ئالدىن نۆۋەت ئېلىپ بېرىڭ.
- كىملىك: ئۆزىڭىزنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كىملىك نومۇرى ياكى چەتئەللىكلەر تۇرۇش رۇخسىتى (İkamet) نومۇرى بىلەن بارسىڭىز بولىدۇ.
- KETEM مەركەزلىرى: بۇ مەركەزلەر مەخسۇس راك تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ تېز مۇلازىمەت قىلىشى مۇمكىن.
- ئەگەر بىلەلمەي قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلە دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىڭ.
راك كېسىلىدىن قورقۇش ئەمەس، كېچىكىپ قېلىشتىن قورقۇش كېرەك. تۈركىيە دۆلىتى تەمىنلىگەن بۇ ھەقسىز پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىقى ئۈچۈن تاشلانغان ئەڭ چوڭ قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ساغلاملىق مەركىزىگە بېرىپ، ئۆز ۋاقتىڭىزدا تەكشۈرتۈشنى ئۇنۇتماڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇچۇرلار تۈركىيە سەھىيە مېنىستىرلىكىنىڭ 2026 يىلى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تەييارلاندى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ راك، ئۆسمە شاللاپ تەكشۈرۈش تۈرلىرى قوشۇلۇشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا يەنە داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىمىز.


