دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا CRP نىڭ يۇقىرى چىقىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا CRP نىڭ يۇقىرى چىقىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى دوختۇرخاندىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ نورمالسىز چىقىشىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە قان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى س-رىئاكسىيە ئاقسىلى (CRP) كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى چىقىشى كۆپىنچە كىشىلەرنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئەسلىدە، CRP جىگەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، بەدەندە ياللۇغلىنىش ياكى زەخىملىنىش يۈز بەرگەندە، قان تەركىبىدە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدۇ. بوۋاقلارنىڭ بەدىنى تاشقى مۇھىتقا ئىنتايىن سەزگۈر بولغاچقا، بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ئۆزگىرىشى دوختۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بىر سىگنال ھېسابلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە: س-رىئاكسىيە ئاقسىلى (S-riaksiye aqsili)
  • ئىنگلىزچە: C-Reactive Protein (قىسقارتىلىمىسى: CRP)
  • تۈركچە: C-Reaktif Protein (قىسقارتىلىمىسى: CRP)
  • ياپونچە: C反応性蛋白 (ئوقۇلۇشى: Shī-hannōsei tanpaku)
  • خەنزۇچە: C反应蛋白 (ئوقۇلۇشى: C-fǎnyìng dànbái)

 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا CRP نىڭ يۇقىرى چىقىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 

CRP نىڭ نورمال قىممەت ئارىلىقى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا CRP نىڭ نورمال قىممىتى ئادەتتە 8mg/L (يەتتە كۈنلۈك ئىچىدىكى بوۋاقلاردا) ياكى 10mg/L دىن تۆۋەن بولىدۇ (بەزى دوختۇرخانىلار 15 نى چەك ئالىدۇ. ) . تۇغۇلۇپ دەسلەپكى 48 سائەت ئىچىدە، بوۋاقنىڭ بەدىنى تاشقى مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدا بولغاچقا، بۇ كۆرسەتكۈچتە ئازراق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆرسەتكۈچ تۇغۇلۇپ 48 سائەتتىن كېيىنمۇ يەنىلا 10mg/L دىن يۇقىرى بولسا، بۇ ياللۇغلىنىشنىڭ بارلىقىدىن كۈچلۈك بېشارەت بېرىدۇ.

 

CRP نىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق يۇقۇملىنىش سەۋەبلىرى

بوۋاقلاردا CRP نىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەب يۇقۇملىنىش دۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇ كۆرسەتكۈچ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقىرى چىقسا، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار گۇمان ئاستىغا ئېلىنىدۇ:

  • قاندىكى باكتېرىيە يۇقۇملىنىشى : بۇ بوۋاقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋال بولۇپ، CRP نىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  • ئۆپكە ياللۇغى: بوۋاق تۇغۇلۇش جەريانىدا ھامىلىدارلىق باش سۈيىنى ئۆپكىسىگە سۈمۈرۈۋالغاندا ياكى باشقا باكتېرىيە سەۋەبىدىن ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلگەندە CRP يۇقىرى چىقىدۇ.
  • سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى: گەرچە كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بوۋاقلاردىكى سۈيدۈك يولى باكتېرىيەلىرىمۇ ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى قوزغايدۇ.
  • ئانا تېنىدىن يۇقۇش: ئەگەر ئانىدا تۇغۇشتىن بۇرۇن قىزىتما بولسا ياكى ھامىلىدارلىق سۈيى بالدۇر يېرىلىپ كەتكەن بولسا، باكتېرىيەلەر بوۋاققا ئۆتۈپ CRP نى ئۆستۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

 

يۇقۇملىنىشتىن باشقا فىزىئولوگىيەلىك سەۋەبلەر

شۇنى بىلىش كېرەككى، CRP نىڭ يۇقىرى چىقىشى ھەمىشە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشنى بىلدۈرمەيدۇ. بەزىدە فىزىئولوگىيەلىك جەريانلار ياكى باشقا تاشقى بېسىملارمۇ ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قىيىن تۇغۇت جەريانىدا بوۋاقنىڭ تېنى زەخىملەنگەن بولسا، تۈرلۈك جاراھەتلەر سەۋەبىدىن بەدەندىكى قوغدىنىش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشىپ، CRP مىقدارىنى ۋاقىتلىق ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقتا قىزىتما ياكى باشقا يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن.

 

تېببىي تەتقىقاتلاردىكى يېڭى قاراشلار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېببىي ئىلمىدا CRP غا بولغان قاراش تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى. Frontiers in Pediatrics ژۇرنىلىدا 2023-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، CRP كۆرسەتكۈچى بوۋاق تۇغۇلۇپ دەسلەپكى 24 سائەت ئىچىدە فىزىئولوگىيەلىك سەۋەبلەر بىلەنمۇ سەل ئۆرلەيدىغان بولغاچقا، ئۇنى باشقا كلىنىكىلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش زۆرۈر ئىكەن. بۇ تەتقىقات يەنە CRP نىڭ ئۆز ئالدىغا دىياگنوز قويۇش ئاساسى بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى يۇقۇملىنىشنىڭ داۋالاش جەريانىدىكى داۋالاش  ئۈنۈمىنى كۆزىتىشتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، پەقەت بىر قېتىملىق CRP يۇقىرىلىقىغا قاراپلا ئانتىبىيوتىك ئىشلىتىش ھەمىشە توغرا قارار بولماسلىقى مۇمكىن.

 

CRP يۇقىرى چىققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

دوختۇرلار ئادەتتە CRP نى يالغۇز تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويمايدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ قان تەكشۈرۈشىدە CRP يۇقىرى چىققان بولسا، دوختۇر تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى قوللىنىشى مۇمكىن:

  • قايتا تەكشۈرۈش: CRP نىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى كۆزىتىش ئۈچۈن 12 ياكى 24 سائەتتىن كېيىن قان قايتا تەكشۈرۈلىدۇ.
  • باشقا كۆرسەتكۈچلەر: ئاق قان ھۆجەيرىسى (WBC) ۋە پروكالتسىتونىن (Prokaltsitonin – PCT) تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ.
  • كلىنىكىلىق كۆزىتىش: بوۋاقنىڭ سۈت ئىچىشى، ئۇيقۇسى، تېمپېراتۇرىسى ۋە روھىي ھالىتى ئەتراپلىق كۆزىتىلىدۇ.
  • داۋالاشنى باشلاش: ئەگەر يۇقۇملىنىش گۇمانى كۈچلۈك بولسا، دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئانتىبىيوتىك بېرىشنى تاللىشى مۇمكىن.

 

قايسى ئەھۋالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ئەگەر CRP كۆرسەتكۈچى 10mg/L دىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇرلار ئادەتتە بوۋاقنى يېقىندىن كۆزىتىشكە باشلايدۇ. داۋالاش قارارى پەقەت CRP نىڭ سانلىق قىممىتىگىلا قاراپ چىقىرىلمايدۇ. ئەگەر بوۋاقتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ:

  • CRP كۆرسەتكۈچى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ 15mg/L دىن ئېشىپ كەتسە؛
  • بوۋاقتا قىزىتما بولۇش، سۈت ئەمەسلەش، كۆپ ئۇخلاش ياكى چۆچۈش قاتارلىق كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە؛
  • ئاق قان ھۆجەيرىسى (WBC) ياكى پروكالتسىتونىن (PCT) كۆرسەتكۈچىمۇ تەڭلا يۇقىرى چىقسا.

قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

  • ئانتىبىيوتىك ئىشلىتىش: ئەگەر باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش جەزملەشتۈرۈلسە ياكى گۇمان قىلىنسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئەينەكلىك ئۆيدە ( ئېغىر كېسەللىكلەرنى يېقىندىن كۈزىتىش بۆلۈمى NICU ) داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  تومۇردىن ئانتىبىيوتىك ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ياللۇغنى كونترول قىلىدۇ.
  • تومۇر ئارقىلىق سۇيۇقلۇق تولۇقلاش: بوۋاقنىڭ بەدەن زاپىسىنى ساقلاش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ۋە سۇيۇقلۇق تومۇردىن بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانىلاردا سۈت بولسا ۋە بىرەر بېرىش چەكلىمىسى بولمىسىلا، ئانا سۈتىنى بېرىشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدۇ.
  • دەرىجىگە ئايرىپ كۆزىتىش: داۋالاش باشلانغاندىن كېيىن، ھەر 24-48 سائەتتە بىر قېتىم CRP قايتا تەكشۈرۈلۈپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆزىتىلىدۇ. ئەگەر كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىسە، داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى CRP نىڭ يۇقىرى چىقىشى كۆپ خىل سەۋەبلەرگە چېتىلىدۇ، بۇ يالغۇز كېسەللىكنىلا بىلدۈرمەستىن، بەلكى بەدەننىڭ بىر خىل ئىنكاسىدۇر. ئاتا-ئانىلار دوكلاتتىكى سىفىرلارغا قاراپلا ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى، بەلكى تەجرىبىلىك بالىلار دوختۇرىنىڭ ئانالىزىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، بوۋاقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرگىمۇ دىققەت قىلىش ۋە ۋاقتىدا تېببىي ياردەم تەلەپ قىلىشتۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-03-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-03-19 / 03:00:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ