ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلار كېسەللىكىنىڭ دائىرىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

بالىلار كېسەللىكىنىڭ دائىرىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىرىنجى بۆلۈم: بالىلار كېسەللىكىنىڭ دائىرىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى

بالىلار كېسەللىك ئىلمىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: بالىلار كېسەللىك ئىلمى بولسا، ھامىلىدىن تارتىپ تاكى ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگىچە بالىلارنىڭ ئكسۈپ تەرەققىي قىلىشى، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشنى تەتقىق قىلىدىغان تىببىي پەندىن ئىبارەت. بالىلار بىلەن چوڭلارنى سېلىشتۇرغاندا ، نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.

  1. فىزىئولوگىيە-ئاناتومىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى. بالا ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بولۇپ، ھەر قايسى ئەزالار ، سېستىمىلار تەدرىجىي ھالدا مىقداردىن سۈپەتكە قاراپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەن ئىگىزلىكى، باش ئىگخزلىكى بىلەن بوي ئىئگىزلىكىنىڭ نىبىتى ئوخشىمايدۇ، بالىلار يۈرەك ئۇچى ئورنى يۇقىرىراق، سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخى مۇكەممەل بولمايدۇ. بالىنىڭ يېشى قانچىكى كىچىك بولسا، ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان تەلىپى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى چوڭلارغا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. بوۋاق گۈدەك بالىلارنىڭ ھەزم قىلىش قابىلىيىتى ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى يۈز بېرىدۇ. بوۋاق گۈدەك بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، پائالىيەت جەھەتلىرىدىمۇ يېتىلمىگەچكە ئوڭايلا قوزغىلىش، قوزغىلىشنىڭ ئوڭايلا كېڭىيىشى يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى قىزىتما يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئوڭايلا تارتىشىش يۈز بېرىدۇ. بالىلارنىڭ سۆڭەك، نېرۋا، تېرە مۇسكۇل، لېمفا سىستېمىسى ۋە ئىچكى ئەزالاردىن مەسىلەن: يۈرەك، جىگەر، بكرەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورنى قاتارلىقلارمۇ يېشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ پەرقلىق بولىدۇ.
  2. ئىممۇنىتېت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى: يېڭى تۇغۇلغان بالا، بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ئانا تېنىدىن IgG ئانتىتىلا غا ئېگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزىل، بوغما ۋە بالىلار پارالىچى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئوڭاي يۇقۇملانمايدۇ. تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئانتىتېلا يوقىلىپ ، بۇ كېسەللەرگە قارىتا ئاندىن يۇقۇمچانلىق بولىدۇ. گرام مۇسپىي تاياقچە باكتېرىيىلەرگە قارشى ئانتىتېلا كەمچىل بولىدۇ، چۈنكى IgM بالا ھەمرىيى ئارقىلى بالىنىڭ بەدىنىگە كىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بالىلار چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە ، سالمۇنىلا باكتېرىيىلەر بىلەن ئوڭاي يۇقۇملىنىدۇ. بالىلاردىكى يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ يۈتۈش قابىلىيىتى تۆۋەن، ھۈجگيرە ئىممۇنىتى ياكى تەن سۇيۇقلۇقى ئىممۇنىتىنىڭ خىزمىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن، چوڭلارغا نىسبەتەن، يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كېسەللەر بىلەن ئوڭايلا ئاغرىيدۇ.
  3. پاتولوگىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى: كېسەللىك جەھەتتە، بالىلار بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن تۆۋەن، تېرە، شىللىق پەردە، لېمفا توقۇلما قاتارلىقلارنىڭ توسۇش رولى يېتەرلىك بولمىغاچقا، نىسبەتەن ئوڭايلا يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەن ئىچىدە ئوڭايلا تارىلىدۇ. بالىلارنىڭ كېسەللىكلەرگە قارىتا ئومومىي بەدەننىڭ رىئاكسىيىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەشمەركىزى ۋە قان ئىشلىگۈچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى تېخى مۇقىم بولمىغاچقا، ئېغىر بولمىغان يۇقۇملىنىش ، يۇقىرى قىزىتما ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمالسىز ئېشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ يەرلىك ئورۇندىكى ئىپادىلىرى، توقۇلمىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك بالىلاردا راخىت بىلەن ئىپادىلەنسە، چوڭلاردا سۆڭەكلەرنىڭ يۇمشاپ كېتىش كېسىلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سىل كېسىلىنىڭ چوڭلار بىلەن بالىلاردىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
  4. دىئاگنوز، داۋالاش ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى: بالىلار كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش بىلەن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. بالىلار ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە قاراپ تەكشۈرۈشكە تايىنىدۇ. چۈنكى بوۋاق بالىلار كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرەلمىگەچكە سوراپ تەكشۈرۈشنى ئاتا-ئانىسى، بققۇچىلار ۋەكالىتەن ئېيتىپ بېرىدۇ. كۆپىنچە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرمەيدۇ. ئىشەنچلىكى كەم بولىدۇ. بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئىپادىلىرى ياش پەرقىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: بوۋاق، گۈدەك بالىلار قىزىل بىلەن ئاغرىغان ۋاقىتتا ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئالامەتلىرى ناھايىتى يەڭگىل ئۆتىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىشنىڭ قالايمىقانلىشىشدا ئىپادىلىرى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. بالىلارنىڭ ھەرخىل تەڭشەش خىزمىتى تېخى مۇقىم بولمىغاچقا، مەلۇم ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشلار بەزىدە، پارتلاش خاراكتېرلىك جەريانىدا ئۆتىدۇ. ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىش تېز بولىدۇ. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش لازىم. لېكىن بالىلار ھاياتلىق كۈچى يۇقىرى، قايتا تىكلىنىش قابىلىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا كېسەللىكنىڭ جىددىي مەزگخلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، سالامەتلىكى تېزلىكتە ئەسلىگە قايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ مىقتارى، ئۇسۇلى، كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە دورىلارنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىقلار چوڭلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بالىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ئاقىۋېتىنى ھۆكۈم قىلىش قېيىنراق، كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولغان ئاغرىق بالىلار خەتەردىن ئۆزگىرىپ تېزلىكتە بىخەتەر ھالدا ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى كېسەللەردە ئەكسىچە كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىلرەك بولغان ئاغرىق بالىلار تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن : بوۋاقلاردىكى ئۆتكۈر ئۆپكە ياللۇغى ۋە سىپتىتسىمىيە قاتارلىقلار.ئالدىن
  5. ى ئېلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى: بالىلاردىكى كېسەللەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، چېنىقتۇرۇشنى ۋە تەربىيىنى كۈچەيتىپ پەرۋىش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ھەر خىل ئالدىنى ئالىدىغان ئوكۇللارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىش، ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بولۇپمۇ كوللىكتىپ ئورۇنلاردىكىدى ئۆسمۈرلەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بالا تەربىيىلىگۈچى خادىملارنى تەربىيىلەپ ئۈنۈملۈك بولغان قائىدە-تۈزۈملەر بەلگىلەنسە، كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنى تېزگىنلەپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

 

مەنبە:

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-10 / 11:02:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ