دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقكۈندە قانچە تال تۇخۇم يىسە مۇۋاپىق؟

كۈندە قانچە تال تۇخۇم يىسە مۇۋاپىق؟

كۈندىلىك تۇخۇم ئىستېمالى ۋە ساغلاملىق: قانچە تانە تۇخۇم يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق؟

تۇخۇم ئىنسانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك تارىخىدا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەرزان ئاقسىل مەنبەلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن سەۋەبلىك يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا زىيانلىق دەپ قارىلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، تىببىي تەتقىقاتلار تۇخۇمغا بولغان كۆز قاراشلارنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. كۈندە قانچە تانە تۇخۇم يېيىشنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قاندىكى ماي تەركىبلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان تېما.

كۈندە قانچە تال تۇخۇم يىسە مۇۋاپىق؟

 

تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئۇنىڭ بەدەنگە پايدىسى

بىر تانە ئوتتۇراھال تۇخۇمدا تەخمىنەن 6 گرام ئەتراپىدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل، ئوخشىمىغان ۋىتامىنلار (A, B2, B12, D, E) ۋە مىنېرال ماددىلار (سېلېن، فوسفور) بار. تۇخۇم يەنە مېڭە ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان خولىن (Choline) ماددىسىغا ناھايىتى بايدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇمنى پەقەت ئاقسىل ئۈچۈنلا يەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لۇتېيىن ۋە زېئاكسانتىن قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار كۆز ساغلاملىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 

تۇخۇم قاندىكى قايسى قىممەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم يېسە قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى ئۆرلەپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم يېيىشنىڭ قاندىكى ماي تەركىبلىرىگە بولغان تەسىرى تۆۋەندىكىچە:

  • HDL (ياخشى خولېستېرىن): تۇخۇم ئىستېمال قىلىش كۆپىنچە كىشىلەردە يۇقىرى زىچلىقتىكى لىپوپروتېىن (HDL) نى ئاشۇرىدۇ، بۇ يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
  • LDL (يېمان خولېستېرىن): تۇخۇم تەركىبىدىكى خولېستېرىن قاندىكى LDL مىقدارىنى سەل ئاشۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا LDL نىڭ چوڭ، يۇمشاق زەررىچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كىچىك، زىچ زەررىچىلەرگە قارىغاندا يۈرەككە ئاز زىيانلىق.
  • Trigliserid (ترىگلىتسېرىد): تۇخۇم يېيىشنىڭ ترىگلىتسېرىد قىممىتىگە بولغان تەسىرى ئادەتتە تۆۋەن بولىدۇ. ئەكسىچە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش (ئاق ئۇنلۇق تاماقلار، كولا ، تاتلىق تۈرۈملەر) ترىگلىتسېرىدنى تېخىمۇ تېز ئاشۇرىدۇ.

 

يېڭى تىببىي تەتقىقات نەتىجىلىرى

تۇخۇم ۋە يۈرەك ساغلاملىقى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئىزدىنىشلەر بىزگە تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرمەكتە. Harvard T.H. Chan School of Public Health تەرىپىدىن 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتتا، كۈندە بىر تانە تۇخۇم يېيىشنىڭ كۆپىنچە ساغلام كىشىلەردە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ تەتقىقات 32 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق تۇخۇمنىڭ بىخەتەرلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

 

كۈندە قانچە تانە تۇخۇم يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى شەخسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باغلىق. ئادەتتە، ساغلام ئادەملەر ئۈچۈن كۈنىگە 1 تاندىن 2 تانغىچە تۇخۇم يېيىش پۈتۈنلەي بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ. تۇخۇمنىڭ قانچە تانە يېيىلىشى كېرەكلىكىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئاساسەن بەلگىلەش مۇمكىن:

  • ساغلام كىشىلەر: ھەپتىسىگە 7 تاندىن 10 تانغىچە تۇخۇم يېيىش ساغلاملىققا پايدىلىق.
  • شېكەر كېسىلى (دىئابېت) بىمارلىرى: بەزى تەتقىقاتلار دىئابېت بىمارلىرىنىڭ تۇخۇمنى كۆپ يېيىشىنىڭ يۈرەك خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن، شۇڭا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەپتىسىگە 3-4 تانە بىلەن چەكلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
  • يۇقىرى خولېستېرىن بارلار: ئەگەر قاندىكى LDL قىممىتى ئاللىبۇرۇن يۇقىرى بولسا، تۇخۇم سېرىقىنى ئازراق يېيىش، تۇخۇم ئېقىنى بولسا چەكلىمىسىز ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.

 

تۇخۇمنى قانداق يېيىش كېرەك؟

تۇخۇمنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك، ئۇنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ساغلاملىققا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز تۇخۇمنى سېرىق ماي ياكى تىرانس مايلاردا قورۇپ يەيدىغان بولسىڭىز، بۇ تەبىئىي ھالدا قاندىكى ناچار خولېستېرىننىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ يېيىش ياكى ئازراق زەيتۇن مېيى بىلەن پىشۇرۇشتۇر. شۇنداق قىلغاندا تۇخۇمنىڭ ئەسلىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

 

تۇخۇم بىزنىڭ ساغلاملىق تۇرمۇشىمىزدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ئوزۇقلۇق. ئۇ قاندىكى HDL نى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر سىزدە ئېغىر يۈرەك كېسىلى ياكى ئېرسىي خولېستېرىن يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى بولمىسا، كۈندە بىر تانە تۇخۇمنى قورقماي يېسىڭىز بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتىكى ئەڭ مۇھىم قائىدە تەڭپۇڭلۇقتۇر، شۇڭا تۇخۇمنى كۆكتاتلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-03-31 / 05:35:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ