زامانىۋى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى قان بېسىمى جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى پەقەت يۈرەك ياكى مېڭە قان تومۇرلىرىغىلا خەۋپ يەتكۈزىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۆرەك بۇ جەرياندا ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغان ئەزالارنىڭ بىرىدۇر. بۆرەك بىلەن قان بېسىمى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۆزئارا تايىنىدىغان بىر مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ، بىرىنىڭ ساغلاملىقى زەپكە ئۇچرىسا، چوقۇم ئىككىنچى بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە بۆرەك زەخملىنىشنىڭ پاتولوگىيەلىك جەريانى
بۆرەك بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم سۈزگۈچ ئەزا بولۇپ، ئۇ مىليونلىغان كىچىك قان تومۇرلار (بۆرەك شارچىلىرى) ئارقىلىق قاننى تازىلايدۇ. قان بېسىمى ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بولغاندا، بۇ نازۇك قان تومۇرلارنىڭ دىۋارلىرى قېلىنلاپ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ. نەتىجىدە، بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ، ئۇنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ جەريان ئاخىرىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئېغىر ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ئىككى كېسەللىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۆۋەندىكى تەرەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
- قان بېسىمى يۇقىرى بولغاندا بۆرەك شارچىلىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئاقسىللار سۈيدۈككە ئۆتۈپ كېتىدۇ (ئاقسىل سىيىش).
- بۆرەك زەخملەنگەندە «رېنىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل فېرمېنت (يەنى ئېنزىم) ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قان تومۇرلارنى تېخىمۇ تارايتىدۇ ۋە قان بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
- تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دىئالىز قىلىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ %27 تى يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
- بۇ بىر خىل «قورقۇنچلۇق دەۋرىيلىك» بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى بۆرەكنى خاراب قىلسا، بۆرەك زەئىپلىشىشى قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزىدۇ ، يەنى بۇ ئىككى كېسەللىك بىر بىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
يېقىنقى زامان تىببىي تەتقىقاتلىرىدىكى بايقاشلار
ئامېرىكا بۆرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ ژۇرنىلى (JASN) دا 2023-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىراش قان بېسىمىنى 120 mmHg دىن تۆۋەن كونترول قىلغان بىمارلاردا بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى ئادەتتىكى بىمارلارغا قارىغاندا %25 ئاستىلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «The Lancet» ژۇرنىلىنىڭ 2024-يىللىق دۇنياۋى ساغلاملىق دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى ھازىر دۇنيادا بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قالغان. بۇ تەتقىقاتلار قان بېسىمىنى بالدۇر ۋە قاتتىق كونترول قىلىشنىڭ بۆرەكنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى يەنە بىر بار ئىسپاتلاپ بەردى.
بۆرەك زەخملىنىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك
يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلار ئۈچۈن بۆرەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئىنتايىن مۇھىم. كۆپىنچە ئەھۋالدا، بۆرەك %50 تىن كۆپ زەخملەنمىگۈچە روشەن ئاغرىق ياكى بىئاراملىق ھېس قىلىنمايدۇ. شۇڭا، «يوشۇرۇن قاتىل» غا قارشى ھوشيار بولۇش كېرەك.
تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە چوقۇم بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش لازىم:
- كېچىدە كىچىك تەرەت قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشى ۋە سۈيدۈكنىڭ سۈزۈك بولۇشى.
(سۈيدۈكنىڭ سۈزۈك بولۇشى : ئەگەر سۇنى كۆپ ئىچمىگەن تەغدىردىمۇ ، سۈيدۈك دائىم خۇددى سۇدەك رەڭسىز بولسا، بۇ بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى – يەنى بۆرەكنىڭ سۈيدۈكنى رەڭ جەھەتتىن قۇيۇقلاندۇرۇش رولىنىڭ ئاجىزلىشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ) - ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قاپاقلارنىڭ ۋە پۇت بوغۇملىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىششىپ قېلىشى.
- ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە ئومۇمىي بەدەن ماجىنىسىزلىقى.
- سۈيدۈكتە كۆپۈكچىلەرنىڭ كۆپىيىشى (ئاقسىل سىيىشنىڭ بەلگىسى) ياكى سۈيدۈك رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى.
بۆرەكنى ئاسراش ۋە ساغلام تۇرمۇش مەسلىھەتلىرى
بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ بۆرەك زەئىپلىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش شەرت. بىرىنچى نۆۋەتتە، تاماق تۈزۈمىدە تۇز مىقدارىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. تۇز بەدەندە سۇنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ۋە بۆرەككە ئارتۇقچە يۈك بولىدۇ. كۈندىلىك تۇز مىقدارىنى 5 گرامدىن ئاشۇرماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى قەرەللىك ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەزى دورىلار (مەسىلەن ACEI ياكى ARB تىپىدىكىلەر) قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، بۆرەك تومۇرلىرىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىپ، بۆرەكنى قوغداش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. قەرەللىك ھالدا سۈيدۈك ۋە قان تەكشۈرتۈپ، بۆرەك ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچلىرىنى (Creatinine ۋە GFR) نازارەت قىلىپ تۇرۇش، كەلگۈسىدىكى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى كاپالەتتۇر.


