ئادەتتە بىز سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، جىگەر ئىقتىدارى تۈرلىرى ئىچىدە ALP دېگەن قىسقارتىلما نامنى كۆرىمىز. ئىشقارلىق فوسفاتازا (ALP Alkaline Phosphatase) ئاساسلىقى جىگەر، ئۆت يوللىرى ۋە سۆڭەكلەردە بولىدىغان بىر خىل ئېنزىمدۇر. ئەگەر قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ كۆرسەتكۈچ نورمال چەكتىن يۇقىرى چىقسا، بۇ بەدەندىكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ خىزمىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى بولۇشى ھەمىشە جىگەر ياكى سۆڭەك سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى: ئىشقارلىق فوسفاتازا
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: Alkaline Phosphatase (ALP)
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 碱性磷酸酶 (Jiǎnxìng línsuān méi)
ياپونچە ئاتىلىشى: アルカリホスファターゼ (Arukari hosufatāze)
تۈركچە ئاتىلىشى: Alkalen fosfataz
سۆڭەك سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار
ALP ئېنزىمى سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە قايتىدىن شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ھەرخىل سۆڭەك مەسىلىلىرى كۆرۈلگەندە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ALP نىڭ مىقدارى يۇقىرى چىقىدۇ. بۇ ئەھۋاللار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- پاگېت كېسىلى (Paget’s Disease): بۇ سۆڭەكلەرنىڭ نورمالسىز چوڭىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ALP نىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇ.
- سۆڭەك ئۆسمىسى: سۆڭەكتىن باشلانغان ياكى باشقا ئەزالاردىن سۆڭەككە تارقالغان راك ھۈجەيرىلىرى ALP نى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
- سۆڭەك يۇمشاش كېسىلى (Osteomalacia): ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن سۆڭەكلەر يۇمشاپ كەتكەندە بۇ كۆرسەتكۈچ ئۆرلەيدۇ. بەزى يەرلەردە سۆڭەك ئېرىش دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ.
- سۆڭەك شالاڭلىشىش (Osteoporosis) : سۆڭەك يۇمشاش كېسىلىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر كېسەللىك . بۇ كېسەللىك ئاياللاردا ياشانغانلاردا ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى يەرلەردە سۆڭەك ئېرىش دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. بۇ كېسەللىكتىمۇ ALP يۇقىرىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
- سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى: سۆڭەك سۇنۇپ ساقىيىۋاتقان مەزگىلدە، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى ئاكتىپ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، ALP ۋاقىتلىق يۇقىرى چىقىشى مۇمكىن.
جىگەر ۋە ئۆت يوللىرىغا ئالاقىدار سەۋەبلەر
قۇرامىغا يەتكەنلەردە ALP كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب جىگەر كېسەللىكلىرى ھېسابلىنىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى زەخىملەنگەندە ياكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، بۇ ئېنزىم قانغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ALP نىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
- ئۆت يولىنىڭ توسۇلۇشى: ئۆت تېشى ياكى ئۆسمىلەر سەۋەبىدىن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى توسالغۇغا ئۇچرىسا، ALP كۆرسەتكۈچى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ.
- جىگەر ياللۇغى (Hepatitis): ۋىرۇسلۇق ياكى ئىسپىرتلىق جىگەر ياللۇغى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئېنزىم مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
- جىگەر قېتىشى (Cirrhosis): جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ تارتىشىپ قېتىشى ALP نىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- مايلىق جىگەر: ئېغىر دەرىجىدىكى مايلىق جىگەر كېسىلىمۇ بۇ كۆرسەتكۈچكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
باشقا فىزىئولوگىيەلىك ۋە كېسەللىك سەۋەبلەر
جىگەر ۋە سۆڭەكتىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللارمۇ ALP نىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ھامىلدار ئاياللاردا ھەمران (Placenta) ALP ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۇ كۆرسەتكۈچ نورمالدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي فىزىئولوگىيەلىك نورمال ئەھۋالدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم دورىلار (مەسىلەن، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار، بەزى ئانتىبىيوتىكلار) جىگەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ALP نى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بۆرەك كېسەللىكلىرى، قالقان بېزى ئۈستى بېزىنىڭ زىيادە ئاكتىپ بولۇشى (Hyperparathyroidism) ۋە بەزى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالىدۇ.
ALP نىڭ يۇقىرى بولۇشى تېببىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. دوختۇرلار ئادەتتە ALP بىلەن بىللە AST، ALT ۋە GGT قاتارلىق باشقا كۆرسەتكۈچلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ جىگەردە ياكى سۆڭەكتە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ. ئەگەر سىزدە ALP يۇقىرى چىققان بولسا، چوقۇم مۇتەخەسسىس دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرتۈشىڭىز كېرەك.


