ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزبەدەن چېنىقتۇرۇش ئىزچىل بولغىنى ياخشى

بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىزچىل بولغىنى ياخشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

— 20 يىل ئىلگىرى چوڭ ئوپېراتسىيەگە چۈشتۈم. شۇنىڭدىن بۇيان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈندە ئەتىگەن ئىككى كىلومېتىر ئەتراپىدا پىيادە ماڭىمەن. قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىق ياكى قانداق مۇھىم ئىشىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. مانا ھازىر چېنىققاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىمەن، يېشىم 60تىن ئاشتى، سالامەتلىكىم ياخشى. بەزىلەر بىللە ھەرىكەت قىلايلى دەيدۇ، بىراق بىر مەزگىل چېنىقىپلا بولدى قىلىدۇ. مېنىڭچە، ھەركىم بەدەن ئەھۋالىغا مۇۋاپىق، ئۆزى قىزىقىدىغان تۈرلەرنى تاللاپ چېنىققىنى، چېنىقىش چوقۇم ئىزچىل بولغىنى ياخشى، بولمىغاندا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، –دېدى پېنسىيونېر ئىمىن ئۆمەر ئاكا.

— پىكاپىڭىز تۇرۇقلۇق پىيادە مېڭىپ قاپسىزغۇ؟ –دەپ سورىغان سوئالىمغا ئەنۋەر مۇنداق جاۋاب بەردى: تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ، پىكاپ سېتىۋالدۇق. ئەمما پىكاپ ئادەمنى ھورۇن قىلىۋېتىدىكەن. قۇۋۋەتلىك يەپ، چېنىقمىغان، ماڭمىغاندىن كېيىن، ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان گەپكەن. ئالدىنقى يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتسەم، قاندىكى قەنت تەركىبى يۇقىرىلاپ، قان قويۇقلىشىش تەرەپكە ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پىكاپنى تاشلاپ، 2000 يۈەنگە مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى سېتىۋالدىم، كۈندە ئىدارىگە مېڭىپ بېرىپ – كېلىدىغان بولدۇم. شەنبە، يەكشەنبىدە دوستلىرىم، چېنىقىش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ۋېلىسىپىتلىق چېنىقىمەن، تاغلارغا چىقىمەن، باغچىلارغا كىرىپ پىيادە يول ماڭىمەن، چېنىقىش سايمانلىرىدا چېنىقىمەن. ھازىر سالامەتلىكىم ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى. مۇھىم ئىش بولمىسا پىكاپ ھەيدىمەيدىغان بولدۇم، چېنىقىپ تۇرغان ياخشىكەن.

— بۇلتۇر ئىدارىمىزدىن چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان چېنىقىپ، خېلى ئورۇقلىدىم. يېنىكلەپ، تېتىكلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. يېقىندا ئۆزۈم پۇل چىقىرىپ چېنىقىش كارتىسى بېجىردىم. داۋاملىق چېنىقىپ بەرگەندە مۇسكۇللار چىڭىپ، قورساق كىچىكلەيدىكەن، –دېدى ئاينۇر خانىم.

— ئېرىمنىڭ ۋېلىسىپىتلىق چېنىقىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى. داۋاملىق چېنىققاننىڭ پايدىسى بولىدىكەن. بۈگۈن مەنمۇ بۇ يەردىن 30 يۈەنگە مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى ئىجارىگە ئېلىپ، ئېرىم بىلەن 60 كىلومېتىر يول يۈرۈپ كەلدىم، ئادەتتە ئولتۇرۇپ قوپسام تىزىم ئاغرىپ كېتەتتى، بۈگۈن شۇنچە ھەرىكەت قىلىپمۇ ھېچنېمە بولمىغاندەك قىلىمەن، چېنىققاننىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدىكەن، دېدى پەرىدە خانىم ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي شىمال يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئاستىغا جايلاشقان ‹‹مېيلىدا›› مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى سېتىش دۇكىنىغا زىيارەتكە بارغىنىمدا.

دۇكاننىڭ مەسئۇلى ۋاڭ دىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇكان ئېچىلغان تۆت يىلدىن بۇيان، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇكاندىن مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى سېتىۋالىدىغان ۋە ئىجارىگە ئالىدىغانلار يىلسېرى كۆپەيگەن، بولۇپمۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى سېتىۋېلىپ چېنىقىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. بىلىشىمچە، ئىچكى ئۆلكىلەر، چەت ئەللەردە كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. 2008 – يىلى شاڭخەيگە ساياھەتكە بارغان بىر يەكشەنبىسى تونۇشىمىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلساق، ھازىر مېنىڭ چېنىقىدىغان ۋاقتىم دەپ، تەكلىپىمىزنى رەت قىلدى. شۇڭا، ھازىر شاڭخەيلىك ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 81 ياش، ئاياللارنىڭ 83 ياشقا يېتىپتۇ. يېقىندا چەت ئەللىك تونۇشۇمغا نەچچە رەت تېلېفون قىلسام، ھەر قېتىمدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. دېمەك، ئۇلار بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ھەقىقەتەنمۇ ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق قارىشىدا زور بۇرۇلۇش بوپتۇ، نۇرغۇن كىشى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا مەبلەغ سېلىپ، چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىپتۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش، ئەمما چېنىقىدىغانلار چوقۇم بەدەن شارائىتىغا ماس كېلىدىغان، ئۆزى قىزىقىدىغان تۈرلەرنى تاللاپ چېنىقىشى، يوقىلاڭ باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ نەچچە كۈن چېنىقىپ قويۇپلا تاشلىۋەتمەي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى لازىمكەن. شۇنداق بولغاندا، چېنىقىشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:50:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ