ھازىرقى زامان خىزمەت مۇھىتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن ۋاقىت يېپىق بىنالاردا ۋە كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مېڭىنىڭ ئاسان چارچىشىنى، دىققەتنىڭ چېچىلىشىنى ۋە ئاخىرىدا روھىي جەھەتتىكى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىشخانا مۇھىتىدا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بېقىش پەقەت بېزەكچىلىكلا ئەمەس، بەلكى خىزمەت بېسىمى ۋە روھىي ھارغىنلىقنى %20 ئازايتىدىغان، دىققەتنى جەم قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تەبىئىي بىر خىل تىببىي چارىدۇر. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يېشىللىق بار جايدا ئىنسانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى تېخىمۇ تىنچلىنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن يېشىللىق مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدۇ؟
ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان باغلىنىشى تىببىي جەھەتتىن «بىئوفىلىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىشخانىدا بىر تۈپ ئۆسۈملۈكنىڭ بولۇشى كۆرۈش نېرۋىلىرى ئارقىلىق مېڭىگە «بىخەتەرلىك» ۋە «ئارام ئېلىش» سىگنالىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ جەرياندا مېڭىدىكى بېسىم ھورمونى بولغان كورتىزولنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. يېشىل رەڭ كۆرۈش تور پەردىسىنى ئەڭ ئاز چارچىتىدىغان رەڭ بولغاچقا، ئۇزۇن ۋاقىت ئېكرانغا قاراپ چارچىغان كۆزلەر ئۈچۈن بىر خىل تەبىئىي داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ روھىي ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
1) ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز جەريانىدا ئوكسىگېن چىقىرىپ، مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلايدۇ.
2) ھاۋادىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، «كېسەل بىنا سىنترومى» كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش ئاغرىقىنى ئازايتىدۇ.
3) مۇھىتنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، تېرە ۋە نەپەس يوللىرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4) كىشىلەرنىڭ ئۆسۈملۈككە قارىغاندا ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يالغۇزلۇق ھېسسىياتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
يېقىنقى زامان تىببىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئىسپاتلار
ئىشخانىدىكى يېشىللىقنىڭ ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا بولغان ئاكتىپ تەسىرى نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق دەلىللەنگەن. 2019-يىلى ياپونىيە خيوگو ئۇنىۋېرسىتېتى (Hyogo University) تەتقىقاتچىلىرى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتتا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈستىلىدە كىچىك بىر تۈپ ئۆسۈملۈك بولۇشىنىڭ تەشۋىشلىنىشنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، 2014-يىلى ئەنگلىيە ئېكستېر ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Exeter) ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بار ئىشخانا مۇھىتىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى %15 ئاشۇرۇپ، روھىي ھارغىنلىق نى ئازايتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەتقىقاتلار بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئۆسۈملۈك بىلەن شۇغۇللىنىش كىشىلەرنىڭ دىققەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ئىشخانا ئۈچۈن ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
ھەممە ئۆسۈملۈك ئىشخانا مۇھىتىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا تۆۋەن يورۇقلۇققا ۋە يېپىق ھاۋاغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاش ساغلاملىق جەھەتتىن تېخىمى پايدىلىق. سىز تاللىغان ئۆسۈملۈكنىڭ تۈرى سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزگە ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
(1) ئۈچ تاسمىلىق ساسۋېرىيە (Sansevieria) ئۆسۈملۈكى كېچىسىمۇ ئوكسىگېن چىقىرىپ، ھاۋانى ئەڭ ياخشى تازىلايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرىدۇر.
(2) رۇخسارگۈل – سكىنداپسۇس پېلىكى (Pothos) ئۆسۈملۈكى ئاسان ئۆسىدۇ ۋە يېشىل يوپۇرماقلىرى بىلەن كۆرۈش سېزىمىنى ئارام ئالدۇرىدۇ. ئەمما ئاز تولا زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بالىلار ۋەيا كىچىك ھايۋانات باققان ئۆيدە ئېگىزرەك يەرگە قويۇش لازىم. يوپۇرماقلىرىنى كەسكەندە پەلەي تاقاش كېرەك.
(3) كىچىك كاكتۇسلار مېڭىدىكى دىققەت كۈچى نى بىر نۇقتىغا جەم قىلىشقا ۋە تىنچلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ.
(4) قىزەنگۈل (Spider Plant) ھاۋادىكى زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، خىزمەت مۇھىتىنى تېخىمۇ ساپ قىلىدۇ.
ئىشخانىڭىزغا بىر تۈپ ئۆسۈملۈك قويۇش پەقەت گۈزەللىك ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ ئەرزان ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنما ھېسابلىنىدۇ. بىر نەچچە مىنۇت ئۆسۈملۈككە قاراپ تۇرۇش ياكى ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى سىلاش مېڭىدىكى بېسىمنى بوشىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.


