ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىكېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل

كېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئامېرىكا تېببىي ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى ئون نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، ئادەم ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلدىن خالىي بولالايدىكەن:

كېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل

1. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولمىسا، چىش ئەتراپى يەللىكى پەيدا بولۇپ، قەنت كېسىلى ياكى يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.

2. قول پاكىز بولۇش. زۇكام تارقىلىۋاتقان پەسىللەردە ھەر كۈنى قولنى سوپۇن بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش لازىم ئىكەن، قولنى يۇيۇپ بەرگەندە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

3. قىزىل ئالمىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. قىزىل ئالما، قاتكۆك، يېشىل چاي تەركىبىدە كىۋېرتسترىن دەيدىغان بىر خىل تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى بېسىم ئاستىدا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدىكەن. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇدا بەش ھەپتە قىزىل ئالما ئارقىلىق كىۋېرتسترىننى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 40% تۆۋەن بولغان.

4. ئىجتىمائىي ئالاقە كەڭ بولۇش. ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز، ئۆمرىمۇ ئۇزاق بولىدىكەن.

5. ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ بېرىش. چېنىققاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كېسەل باكتېرىيىسى بەدەنگە كىرگەن تەقدىردىمۇ بەدەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتالايدۇ.

6. يېتەرلىك ئۇخلاش. ئۇيقۇ ياخشى بولسا، ماددا ئالماشتۇرۇش ياخشىلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.

7. ئۈمىدۋار بولۇش. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇشال – خۇرام، قىزغىن، سالماق، ئېغىر – بېسىق كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز بولىدىكەن.

8. ۋىتامىن. ۋىتامىن D بېلىق گۆشى، تۇخۇم، سۈت تەركىبىدە كۆپ بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق. ۋىتامىن C كەمچىل بولسىمۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە – چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

9. ياخشى روھىي ھالەت. ئاكتىپ پوزىتسىيە بەدەندىكى ئازوت چالا ئوكسىدىنىڭ گورىزونتالىنى ئۆستۈرۈپ، نېرۋىنىڭ ۋاسىتىچى ماددىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ياخشىلايدۇ.

10. نەپەسنى تەڭشەش، چوڭقۇر خىيال قىلىش. چوڭقۇر خىيال قىلىشنى مەشىق قىلىش كىشىلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇيقۇنى تەڭشەپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:37:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ