ئەنگىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
ئەنگىلىيە ۋورىك داشۆسىنىڭ ئالىملىرى بۇندىن بۇرۇنقى 42 تۈرلۈك تەجرىبە نەتىجىسىنى رەتلەپ تەھلىل ئېلىپ بارغان، بۇ تەجرىبە نەتىجىسى 18 ياشتىن تۆۋەن 75 مىڭ بالا ۋە ياش – ئۆسمۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە زىيارەت ۋاقتى ئۈچ يىل ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار سوئال قەغىزى ۋە تاقاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەتقىقات ئوبېيكىتلىرىنىڭ دەم ئېلىش ئادىتى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىگە قارىتا قەرەللىك ئىز قوغلاپ سىناش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش ياشتىكى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى چىققان ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىشى ياكى سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى %58 يۇقىرى چىققان.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 11~4 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ھەر كۈنى كېچىلىك ئۇيقۇسى 12 سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى %40، 5~3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كېچىلىك ئۇيقۇسى ئون سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %57، 13~6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كېچىلىك ئۇيقۇسى توققۇز سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %123، 17~14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كېچىلىك ئۇيقۇسى سەككىز سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %30كە يېتىدىكەن.
ئامېرىكا «ئۇيقۇ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش يۈرەك ۋە ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ كېسەللىكلەرمۇ ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئۇزارتىش بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاددىي ۋە ئاسان ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن.
كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە