ئانا سەھىپەپەسىل ۋە كۈتۈنۈشقىش پەسلىتارقىلىشچان زۇكامدىن ساقلىنىشتا، ۋاكسىنا ئەملەشتىن باشقا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

تارقىلىشچان زۇكامدىن ساقلىنىشتا، ۋاكسىنا ئەملەشتىن باشقا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قىش پەسلى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى قوزغىلىدىغان مەزگىل يېتىپ كەلدى، خەلق ساغلاملىقى سىزگە ئەسكەرتىدۇكى، ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىر بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئۇنداقتا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندىن باشقا، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگەدىققەت قىلىش كېرەك؟

قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ باكتېرىيە چەكلەش رولى بار، لېكىن ئىشلىتىش ئۇسۇلى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى سۈرۈپ 10-15 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئىككى قولنى سۈركەپ يۇيۇش كېرەك، بۇنىڭدا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى يېتەرلىك قۇيۇپ يۇيۇش ئەڭ مۇھىم، ياكى ئىسپىرت قويۇقلۇقى ئاز دېگەندە %60 لىك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ھۆل قەغىزىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

ئادەم كۆپ جايغا ئاز بېرىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ئەۋج ئالىدىغان مەزگىلدە ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىش كېرەك، ئۆيدە زۇكام بولغانلار بولسا مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىپ، بىمار بىلەن ئۇچراشقاندا ماسكا تاقاش، مۇھىتنىڭ پاكىزلىقى، ھاۋا ئۆتۈشۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. قىش پەسلىدە مەلۇم دەرىجىدە سوغۇق ھاۋاغا بەرداشلىق بېرىش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، لېكىن ھەمىشە توڭلىغان ھېسسىياتنى قوغلىشىشقىمۇ بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى بەدەننىڭ سەزگۈسىگە ئاساسەن ۋاقتىدا كىيىم قوشۇپ، ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ باش، پۇت، قورساق قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇۋاپىق غىزالىنىپ، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىشكېرەك. يېمەكلىكنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يېڭى سەي، مېۋىنى كۆپ يەپ، سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك، بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. مايسىز يېمەكلىكنى كۆپ يەپ، ئاچچىق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، ئەگەر دائىم يۆتۈلىدىغان ئەھۋالكۆرۈلسە، ئۆپكە تازىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.

بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. دالا پائالىيىتىگە كۆپرەك قاتنىشىش ئارقىلىقمۇ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

زىيادە چارچاشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. زىيادە چارچاش، ئۇيقا يېتەرلىك بولماسلىقمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا قىش پەسلىدە بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈنەش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك.

ئۆيدە مۇۋاپىق ھاۋا ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئىشخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئادەم زىچ جايلاردا قەرەللىك ھاۋا ئۆتكۈزۈپ، ھەركۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ھاۋا ئۆتكۈزۈش، ھاۋا سوغۇق دەپ دېرىزە ئاچماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

ياخشى بولغان نەپەس يولى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە ئېغىز، بۇرۇننى قەغەزدە ئېتىش، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندىن كېيىن قولنى يۇيۇپ، كۆز، بۇرۇنغا تېگىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تارقىلىشچان زۇكام پەسلى يېتىپ كەلگەندە، توردا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈشكە دائىر «رېتسىپ»لار تارقىلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئۆيدە ئاچچىقسۇ قاينىتىش قاتارلىقلار. مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەتتە، ئاچچىقسۇ كىسلاتاسى قايناپ مەلۇم قويۇقلۇققا يەتكەندە ئاندىن باكتېرىيە ئۆلتۈرەلەيدىكەن، ئاچچىقسۇ بىلەن ئۆينى ئىسلاپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيەلەش ئۈنۈمىگە يېتەلمەيدىغان بولۇپ، يەنە ئادەمنىڭ نەپەس يولىنى غىدىقلاپ، كېكىردەكتە بىئارامسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ